تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئىران كۈندىلىك چېگرا ئۆتۈشلىرىنى توختاتتى
رايونلۇق جىددىيچىلىك ئەۋج ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە بىلەن ئىران كۈندىلىك چېگرا ئۆتۈشلىرىنى توختاتتى.
تۈركىيە بىلەن ئىران كۈندىلىك چېگرا ئۆتۈشلىرىنى توختاتتى
تۈركىيە بىلەن ئىران كۈندىلىك چېگرا ئۆتۈشلىرىنى توختاتتى / AA
2026-يىلى3-ئاينىڭ2-كۈنى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولات دۈشەنبە كۈنى تۈركىيە بىلەن ئىراننىڭ ئۆزئارا چېگرا ئېغىزلىرىدىكى كۈندىلىك يولۇچى ئۆتۈشلىرىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى. سودا مىنىستىرى نۆۋەتتىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىشكە تېز سۈرئەتتە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، جىددىي ئەھۋال پىلانلىرى ۋە ھەرىكەت رامكىلىرىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆمەر بولات ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، يېقىنقى مەزگىلدە رايوندا يۈز بەرگەن ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرى ھېس قىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر دائىرىسىدە، تۈركىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان تاموژنا ئېغىزلىرىدىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ ئەتراپلىق كۆزدىن كەچۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق چېگرا ئېغىزلىرىدا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى ۋە ئالاھىدە بىر ئەھۋالنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سودا يۈك تىرانسپورتى تۈركىيە-ئىران چېگراسىدىكى ئۈچ ئاساسلىق ئۆتۈش نۇقتىسى بولغان ئاغرى-گۈربۇلاق، وان-قاپىكۆي ۋە ھاققارى-ئەسەندەرە ئارقىلىق كونتروللۇق ۋە ئۈزۈلۈپ قالماسلىق ئاساسىدا داۋاملاشماقتا ئىكەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا پائالىيەتلىرى ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلارنىڭ ماسلىشىشچان نازارەتچىلىكى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

بىراق، ھەر ئىككى دۆلەت ئۆزئارا كۈندىلىك يولۇچى ئۆتۈشلىرىنى كېيىنكى بىر ۋاقىتقىچە توختىتىپ تۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

 ئۆمەر بولات ئىراننىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق دۆلىتىگە قايتىشىغا داۋاملىق رۇخسەت قىلىۋاتقانلىقىنى؛ تۈركىيەنىڭ بولسا ئۆز پۇقرالىرىدىن سىرت، ئۈچىنچى دۆلەت پۇقرالىرىنىڭمۇ ئىران تەرەپتىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر بولات: «تاموژنا ئېغىزلىرىمىزدىكى ئۆتۈشلەر، ئالاقىدار بارلىق مەمۇرىي ئورگانلىرىمىز تەرىپىدىن ۋە ئىران تەرەپ بىلەن ماسلاشقان ھالدا، كونتروللۇق ۋە ئۈزۈلۈپ قالماسلىق ئاساسىدا داۋاملاشماقتا» دېدى.

سودا مىنىستىرلىقى يەنە تاموژنا تارماقلىرى ئارقىلىق زۆرۈر تېپىلغاندا يولغا قويۇلىدىغان قوشۇمچە تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. بۇنىڭغا ئاساسەن، دۆلەت ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ۋە نەق مەيداندىكى مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا قارىتىلغان تەييارلىقلار قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلدى. خادىم تولۇقلاش ۋە نازارەت قىلىش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش قاتارلىق زۆرۈر تەڭشەشلەر تاماملاندى.

ئۆمەر بولات چېگرا مۇلازىمەت ئۆتۈشلىرى ۋە سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بارلىق بۆلۈملەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەييارلىق ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. مىنىستىرلىقنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن بولات، دائىرىلەرنىڭ ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بىخەتەر، تەرتىپلىك ۋە ئۈنۈملۈك ئۆتۈشلەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن تولۇق ماسلاشقان ھالدا زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ترامپ ئىرانغا يېڭى ھۇجۇم قوزغاش پىلانىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى