مەدەنىيەت
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق مارشى 105 ياشقا كىردى
مەھمەت ئاكىف ئەرسوي تەرىپىدىن قەھرىمان تۈركىيە ئارمىيەسىگە بېغىشلاپ يېزىلغان، تۈرك مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ سىمۋولى بولغان «مۇستەقىللىق مارشى»نىڭ قوبۇل قىلىنغانلىقىغا 105 يىل بولدى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق مارشى 105 ياشقا كىردى
Mehmet Akif Ersoy / TRT Global

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن، ئېھتىياج تۈپەيلىدىن «مىللىي مارش» يېزىپ چىقىش ئۈچۈن 500 لىرا مۇكاپاتلىق بىر مۇسابىقە ئۇيۇشتۇردى. بۇ مۇكاپاتنىڭ مىقدارىنى بېكىتىش ۋە مۇسابىقىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى يۈرگۈزگەن ئەينى دەۋردىكى مائارىپ ۋەكىلى (مىللىي مائارىپ مىنىستىرى) رىزا نۇر مۇسابىقىگە تېكىستتىن باشقا يەنە 500 لىرا ئاھاڭ ئىجادىيىتى مۇكاپاتىمۇ قويدى.

مۇسابىقىگە ئىمكانقەدەر كۆپ ئادەمنىڭ قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەجلىس تەرىپىدىن ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان خەۋەر بېرىش ۋاسىتىلىرىگە ۋە مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىگە ئۇچۇر ئەۋەتىلدى؛ نەتىجىدە ئالتە ئاي ئىچىدە 724 پارچە شېئىر كەلدى. بۇ 724 پارچە شېئىرنى باھالاش ئۈچۈن مەجلىس قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ ۋەكىللىكى (مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقى) بىر كومىتېت قۇردى. كومىتېتقا تەيىنلەنگەن مۇتەخەسسىسلەر 724 پارچە شېئىرنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ باھالاش ئارقىلىق ئالتە پارچە شېئىرنى تاللىدى.

پۇل مۇكاپاتى قويۇلغانلىقى ئۈچۈن مۇسابىقىگە قاتنىشىشنى خالىمىغان بوردۇر پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي، كېيىنچە ھەمدۇللاھ سۇبھىنىڭ قايتا-قايتا تەلىپى بىلەن تاجىددىن دەرگاھىدا يېزىپ چىققان ۋە تۈرك ئارمىيەسىگە خىتاب قىلىنغان شېئىرى بىلەن مۇسابىقىگە قاتناشتى.

ئېلىپ بېرىلغان تاللاشلار نەتىجىسىدە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 1921-يىلى 12-مارتتىكى يىغىنىدا، مەھمەت ئاكىف يازغان شېئىر قىزغىن ئالقىشلار ئىچىدە قوبۇل قىلىندى. مەجلىستە «مۇستەقىللىق مارشى»نى ئوقۇغان تۇنجى كىشى ھەمدۇللاھ سۇبھى تانرىئۆۋەر بولدى.

مەھمەت ئاكىف ئەرسوي مارش قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، خامچوتتىن ئاجرىتىلغان 500 لىرا مۇكاپات پۇلىنى ئاياللار ۋە بالىلارغا كەسپىي تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان «دارۇل مەسائى» ۋەخپىگە ئىئانە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى