سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ناتو بوغۇزنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەم قىلمىسا، ناچار ئاقىۋەتكە قالىدۇ
ترامپ ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشتا ئۇكرائىناغا ياردەم قىلغىنىغا ئوخشاش، ئىتتىپاقداشلىرىنىڭمۇ ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدە ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: ناتو بوغۇزنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەم قىلمىسا، ناچار ئاقىۋەتكە قالىدۇ
Трамپ FT گە، ئۆزىنىڭ مىنا تازىلاش پاراخوتلىرىغا، شۇنداقلا «[ئىران] قىرغاقلىرىدىكى بەزى يامان ئامىللارنى يوقىتىدىغان كىشىلەرگە» ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىران تەرىپىدىن رەسمىي تاقىۋېتىلگەن نېفىت تىرانسپورتىدا ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەم بەرمىسە، ناتونىڭ «ئىنتايىن ناچار» كەلگۈسىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەكشەنبە كۈنى «مالىيە ۋاقتى» (Financial Times) گېزىتىنىڭ قىسقا زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۇكرائىناغا ياردەم قىلغاندەك، بوغۇزنىڭ تاقىلىشى سەۋەبىدىن پۈتۈن دۇنيادا ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدىمۇ ياۋروپانىڭ ياردەم بېرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

يىللاردىن بۇيان ئىتتىپاقنى ئامېرىكانىڭ سېخىيلىقىدىن پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ترامپ «ھېچقانداق جاۋاب بولمىسا ياكى جاۋاب سەلبىي چىقسا، بۇ ئەھۋالنى ناتونىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئىنتايىن ناچار بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بوغۇزدىن پايدىلىنىۋاتقانلارنىڭ ئۇ يەردە كۆڭۈلسىز ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ياردەم قىلىشى ئىنتايىن مۇۋاپىق بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

گېزىتنىڭ ئۆزى تەلەپ قىلغان ئالاھىدە ياردەملەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ترامپ، مىنا تازىلاش پاراخوتلىرى بىلەن بىرگە، «[ئىران] قىرغاقلىرىدىكى بەزى زىيانلىق كۈچلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان خادىملار»نىڭ ئەۋەتىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىران بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەر

ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىدە يەتتە دۆلەت بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقىنى  بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ۋاشىنگتوننىڭ ئىران بىلەن ئالاقە قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تېھراننىڭ توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل سۆھبەتلىشىشكە تەييار ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ پىرېزىدېنت ئايروپىلانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىران بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، «لېكىن ئۇلارنى تېخى تەييار  دەپ ئويلىمايدىغانلىقى»نى ئەسكەرتتى.

ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئېنىقسىزلىق، ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدە كۆرۈلگەن تەمىنات خەۋپى سەۋەبىدىن خام نېفىت باھاسى تېز سۈرەتتە ئۆرلەپ، نېفىت بازارلىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى.

يەكشەنبە كۈنى «غەربىي تېكساس نېفىتى»نىڭ ۋارىل باھاسى 2.5 پىرسەنت ئۆرلەپ، 100.22 دوللاردىن بازارغا ئېچىلدى. «برېنت» نېفىتىنىڭ باھاسى بولسا 2.9 پىرسەنت ئېشىپ، ۋارىل باھاسى 106.11 دوللارغا يەتتى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئەنقەرەدىن ئايرىلغاندا نېمە ئۈچۈن ئايروپىلان ئالماشتۇردى؟
ھىندونېزىيەدە دېڭىزدا بەش كىشى يوقاپ كەتتى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋ ئەتراپىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
شارا: ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى سۈرىيە ۋە رايون ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى
ترامپ: ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلىنىدۇ
ترامپ ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى
ئىسپانىيە: سېئۇتادىكى 50 مىڭ كۆچمەننىڭ كۆپىنچىسى ماراكەشكە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتتى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ پورت ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن ھەربىي يۈك توشۇيدىغان پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا خىتاي شىركىتى نىشان قىلىندى
«ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشقان تەقدىردە، ھورمۇز بوغۇزى قايتا ئېچىلمايدۇ»
دائېش تالىبانغا ھۇجۇم قىلدى