خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
مودى: «ھىندىستان ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ھەرىكىتىگە قارىماستىن، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ
ھىندىستان ترامپنىڭ ئىمبارگو تەدبىرلىرىگ قارىتا كەلگۈسى ئايلاردا باشقا ھەمكارلىقلارنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ ئىمبارگو تەدبىرلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دىپلوماتىك كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
مودى: «ھىندىستان ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ھەرىكىتىگە قارىماستىن، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ
مودى: ھىندىستان ترامپنىڭ تاموژنا بېجى ھەرىكىتىگە قارىماستىن، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەيدۇ / AP

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھىندىستان ماللىرىغا %50 قوشۇمچە باج ئېلىش قارارىدىن كېيىنكى تۇنجى باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ دېھقانلىرىنىڭ مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى، ئېغىر بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ بۇ مەيدانىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى جەنۇبىي ئاسىيادىكى بۇ دۆلەتكە يەنە %25 قوشۇمچە باج يۈكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ھىندىستان ماللىرىغا يۈكلەنگەن ئومۇمىي باج نىسبىتىنى %50 كە چىقاردى. بۇ، ئامېرىكانىڭ ھەرقانداق سودا شېرىكىگە يۈكلىگەن ئەڭ يۇقىرى باج نىسبىتىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

مودى پەيشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە: «بىز ئۈچۈن دېھقانلىرىمىزنىڭ پاراۋانلىقى ھەممىدىن ئەلا. ھىندىستان دېھقانلىرىنىڭ، سۈتچىلىك كەسپىنىڭ ۋە بېلىقچىلىرىنىڭ پاراۋانلىقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن شەخسەن ئېغىر بەدەل تۆلەيدىغانلىقىمنى بىلىمەن» دېدى.

ھىندىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبەتلىرى، ھىندىستاننىڭ كەڭ كۆلەملىك دېھقانچىلىق ۋە سۈتچىلىك ساھەلىرىنى ئېچىشقا دائىر كېلىشەلمەسلىكلەر ۋە رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشنى توختىتىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلار تۈپەيلىدىن بەش قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن توختاپ قالغان ئىدى.

مودى ئامېرىكىنىڭ باج قارارى ياكى سودا سۆھبەتلىرىنى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىدى.

ترامپ 28-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭى باجنىڭ ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋالغانلىقىنى جازالاش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا بۇ قارارنى «ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق» دەپ تەسۋىرلەپ، «ھىندىستان دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ» دەپ بايانات بەردى.

ئامېرىكا رۇسىيە نېفىتىنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارى بولغان خىتاي ئۈچۈن تېخى بۇنىڭغا ئوخشاش باج ئېلان قىلمىدى. مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زاپاسلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھىندىستاننىڭ بۇ ئەۋزەللىككە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كاتىپى داممۇ راۋى مۇخبىرلارغا: «ئامېرىكانىڭ باجنى ئۆستۈرۈشى ئەقىلگە سىغمايدۇ. بۇ بىر ۋاقىتلىق ئېغىش، دۆلەت دۇچ كېلىدىغان ۋاقىتلىق بىر مەسىلە. ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ بىر چارە تاپىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھىندىستان يېڭى ئىتتىپاقداشلارغا يۈزلەنمەكتە

ترامپنىڭ تاموژنا بېجى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ ئېغىر دىپلوماتىك جىددىيچىلىككە سەۋەب بولغان بۇ جەرياندا، ھىندىستان كەلگۈسى ئايلاردا باشقا تاللاشقا بولىدىغان ھەمكارلىقلارنى قۇرۇشى مۇمكىنلىكىدىن سىگنال بېرىشكە باشلىدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى يەتتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەييارلانماقتا. بۇ قەدەم، ۋاشىنگتون بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئاجىزلاشقان بىر پەيتتە، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر ئىتتىپاقداشلىق ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ.

برازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇيىز ئىناسىئو لۇلا دا سىلۋا بولسا چارشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ترامپنىڭ تاموژنا بېجىگە قارشى قانداق يول تۇتۇشنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن برىكس  (BRICS) ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى ئارىسىدا دىئالوگ باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لۇلانىڭ پەيشەنبە كۈنى مودىغا، ئاندىن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە باشقا رەھبەرلەرگە تېلېفون قىلىشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى گۇرۇپپىسى برازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن تەركىب تاپىدۇ.

راۋى: «ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بارلىق تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغان ھەمكارلىق ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى ئىزدەيدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump slaps additional 25% tariffs on India for buying Russian oil, bumping up total tariffs to 50%

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
نېپالدىكى ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىن 5200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرىكى يوق
CIA ئىسرائىلىيەدە ئىچكى توقۇنۇش خەۋپىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
ئامېرىكا تېررورلۇق ئەندىشىسى تۈپەيلى ئەنگلىيەدىكى B-1 بومباردىمانچى ئايروپىلانلىرىنى چېكىندۈردى
روسىيە دىپلوماتلار ۋە چەتئەل پۇقرالىرىنى كىيېۋدىن ئايرىلىشقا چاقىردى
ترامپ ئامېرىكىدىكى يازلىق ۋە قىشلىق ۋاقىت تۈزۈمىنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى
ئىران پارلامېنت باشلىقى قالىباف: «ئىران سۇنغان 7 شەرت ئىجرا قىلىنمىغۇچە ھورمۇز بوغۇزى ئېچىلمايدۇ»
روسىيە كىيېۋغا يېڭى «كەڭ كۆلەملىك» ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشلىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشى نازارەتكە ئېلىندى
ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىران ئۇرۇشى پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن كامپ داۋىدتا يىغىن چاقىردى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار
ئامېرىكانىڭ ئوتتۇرا شەرققە يەنە بىر ئاۋىياماتكا ئەۋەتىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كەچۈرۈم تەلەپ قىلىشقا دائىر سۈركىلىش كۈچەيمەكتە
ترامپ ئىران ھەققىدە: «ئۇرۇش ناھايىتى يېقىندا، ئۇنداق ياكى بۇنداق شەكىلدە ئاخىرلىشىدۇ» دېدى
سۈنئىي ئىدراك جاسۇسلىرى ئامېرىكا ۋە كانادا ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنى خاككېرلاشقا ئۇرۇندى
روسىيە: «ئۇكرائىنادىكى ئەشيا ئوبوروت ۋە ئالاقە مەركەزلىرى بىلەن قوشۇپ، بىر پاراخوتقا زەربە بەردۇق»
سۈرىيەدە ھۇمۇس يېزىلىرىدىكى T4 ئايرودۇرۇمى يېنىدا مىنا پارتلاپ 3 كىشى قازا قىلدى