خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ) ئامېرىكا سۈرىيەنى «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقارغاندىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
سۈرىيە پرېزىدېنتى شارا دۆلىتىنىڭ قايتا قۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شەرئ «X» ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىكى ھېسابىدا بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ ئازابلىق ئۆتمۈشتىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات ۋە قايتا قۇرۇش يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشى ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن سۈرىيە خەلقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئۇلۇغ ئاللاھتىن سىلەرگە خىزمەت قىلىش يولىدا بىزگە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن» دېدى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا، شۇنداقلا سۈرىيەگە ھەمدەم بولغان بارلىق دوست ۋە قوللىغۇچى دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتتى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى سۈرىيەنىڭ 1979-يىلى كىرگۈزۈلگەن «تېررورلۇقنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن رەسمىي چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

2024-يىلى دېكابىردا سۈرىيەدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون بىلەن دەمەشىق ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى دەۋرگە مۇناسىۋەتلىك ئالاقىلەر تېزلەشكەن.

سۈرىيەنىڭ مەزكۇر تىزىملىكتىن چىقىرىلىشى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي يېتىم قالدۇرۇلۇشىنى ئازايتىشتىكى مۇھىم قەدەم، دەپ قارالماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى