خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا 3 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەلىرى ئۆزئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم قوشما ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.
جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا 3 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدا 3 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزۈلدى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە قوشما ھاۋا مانېۋىرى ئۆتكۈزدى.

جەنۇبىي كورېيە ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى ئېلان قىلغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، مانېۋىر سەيشەنبە كۈنى پايتەخت سېئۇلنىڭ تەخمىنەن 110 كىلومېتىر جەنۇبىدىكى چيوڭجۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا باشلانغان. بۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قوشما ھاۋا مانېۋىرى ھېسابلىنىدۇ.

مانېۋىرغا جەنۇبىي كورېيەنىڭ «F-35A» تىپلىق رادارغا كۆرۈنمەيدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە «KC-330 Cygnus» تىپلىق كۆپ ئىقتىدارلىق ھاۋادا يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانلىرى، فىرانسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بولسا ئىككى دانە «Rafale» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر دانە «A-330» تىپلىق ھاۋادا يېقىلغۇ تولۇقلاش ئايروپىلانى قاتناشقان.

فىرانسىيە ھەيئىتى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بىلەن بولغان توسۇش كۈچى ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «Pegase» ۋەزىپىسى دائىرىسىدە جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ بارغان.

مانېۋىر جەريانىدا ئىككى دۆلەت ھاۋا ئارمىيەلىرى ئۆزئارا ھاۋادا يېقىلغۇ تولۇقلاش ۋە تاكتىكىلىق ئۇچۇش مەشىقلىرىنى ئېلىپ بارغان.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى