خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاننىڭ خەيبەر-پاختۇنخۋا رايونىدا ئەجەللىك پارتلاش يۈز بەردى
«تەھرىكى تالىبان پاكىستان» (TTP) غا مەنسۇپ تېررورچىلارنىڭ، بۇ ئەجەللىك ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پاكىستاننىڭ خەيبەر-پاختۇنخۋا رايونىدا ئەجەللىك پارتلاش يۈز بەردى
پاكىستاننىڭ خەيبەر-پاختۇنخۋا رايونىدا ئەجەللىك پارتلاش يۈز بەردى

جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى «Rescue 1122»، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېرا ئىسمائىل خاندىكى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 11 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە 30 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرا رايونلىرىغا يېقىن بولغان خەيبەر-پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە جايلاشقان دېرا ئىسمائىل خان، نۇرغۇن قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇمىدا نىشان قىلىنغان ئىدى.

رېيتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» (TTP) تېررورلۇق تەشكىلاتى شەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان.

AP نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بىر شەخس، يول بويىدىكى بىر ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتىدا پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنى پارتلاتقان. ئەمما ساقچىلار پارتلاشنىڭ خاراكتېرىنى تېخى ئېنىق بېكىتەلمىگەن.

AFP نىڭ خەۋەر قىلىشىچە تېررورچىلار، پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنى خەۋپسىزلىك تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھەيدەپ بارغان.

«Rescue 1122» نىڭ باياناتىدا، پارتلاشنىڭ ناھىيەنىڭ دارازىندا رايونىدىكى ئامان مېلاغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈلدى.

مەركەز، دارازىندا پونكىتىدىن كەلگەن قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بارغانلىقى ۋە يارىلانغانلارغا داۋالاش ياردىمى  قىلغاندىن سىرت ئۇلارنى دوختۇرخانىغا يۆتكىگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىسلامئاباد ئىلگىرىمۇ نەچچە قېتىم ۋاقىتلىق تالىبان ھۆكۈمىتىدىن، تۈرلۈك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلىشىشىدىن تەشكىل تاپقان «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» (TTP) تېررورچىلىرىنى توسۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

پاكىستان ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» تېررورچىلىرىنىڭ ئافغانىستان تېررىتورىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، كابۇل بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا ۋە ئۆز تېررىتورىيەسىدىن پاكىستانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى قىسىملارنىڭ چېكىنىشى ۋە تالىباننىڭ ھاكىمىيەتكە قايتىشىدىن بۇيان، «تەھرىكى تالىبان پاكىستان» يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ئاساسەن پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى خەيبەر-پاختۇنخۋا رايونىدا كۆپەيدى.

بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، خەيبەر-پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كوھاتتىكى بىر ساقچى ئىدارىسىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە قوراللىق ھۇجۇمدا، 16 سى ساقچى خادىمى بولۇپ ئاز دېگەندە 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پاكىستان پەيشەنبە كۈنى، ئافغانىستان تېررىتورىيەسىدىن قوزغىلىپ چىققان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى بايقاپ،  بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ئافغانىستاندىكى 10 نۇقتىغا ھاۋا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرى ھۇجۇم ئۇرۇنۇشلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە ئالدىن ئېنىقلانغان ھەربىي نىشانلار بىلەنلا چەكلەنگەن بۇ ھەرىكەتنى «ئاڭلىق، ئېنىق، ئۆلچەملىك ۋە مۇۋاپىق» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى.

پاكىستان، ئافغان تالىبانلىرىنى پاكىستانغا قارىتىلغان دۈشمەنلەرچە پائالىيەتلەرنى دەرھال توختىتىشقا ۋە ئافغانىستان تېررىتورىيەسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ئۈنۈملۈك، كونكرېت، دەلىللىگىلى بولىدىغان ۋە سىجىل قەدەملەرنى تاشلاش» قا چاقىرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Pakistan launches air and drone strikes against 10 sites in Afghanistan
ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە
زېلېنىسكىي: ئۇكرائىنا سۆھبەت ئۆمىكى ئەتە ۋىتكوف ۋە كۇشنېر بىلەن كۆرۈشىدۇ
ھىندىستان، ماسكنىڭ «Starlink» ئەيىبلەشىدىن كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت قائىدىلىرىنى ئەسلەتتى
دوكلات: ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىدا 81 ھەربىي ھاۋا ئاپپاراتىدىن ئايرىلغان
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى
سىسى لى جەي ميۇڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە يېتىپ باردى
ھىندىستانلىق ئۆكتىچى رەھبەر گەندى سايلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلدى