سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
كىرېمىل: پۇتىن-زېلېنىسكىي ئۇچرىشىشى، شەرتلەر ھازىرلانغاندا مۇمكىن بولىدۇ
سۇمى ئوبلاستىدىكى كىچىك ئاپتوبۇسقا قىلىنغان ئەجەللىك ھۇجۇم، ئىستانبۇلدا ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرى يېڭىلانغان بىر پەيتتە ئۇكرائىنانىڭ سۇمى ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن بىر كىچىك ئاپتوبۇسقا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەدى.
كىرېمىل: پۇتىن-زېلېنىسكىي ئۇچرىشىشى، شەرتلەر ھازىرلانغاندا مۇمكىن بولىدۇ
2025-يىلى5-ئاينىڭ17-كۈنى

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل سارىيى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشەلەيدىغانلىقىنى، بىراق بۇنىڭ پەقەت ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئەھۋالدىلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

كىرېمىل باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ بۇ مەسىلىلەرنىڭ قايسىلىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، پۇتىن بىلەن زېلېنىسكىي 2019-يىلى دېكابىردىن بۇيان ئۇچرىشىپ باقمىدى.

توققۇز پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

ئۇكرائىنا دائىرىلىرى، رۇسىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ شەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۇمى ئوبلاستىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە توققۇز كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ھۇجۇم، موسكۋا بىلەن كىيېۋ يىللاردىن كېيىن ئېلىپ بارغان تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە تىنچلىق سۆھبىتىدە بىر ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنالماي تۇرۇپ يۈز بەردى.

سۇمى ئوبلاستلىق ھۆكۈمىتى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى — تېلېگرامدا بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ، رۇسىيەنىڭ يەنە بىر ئۇرۇش جىنايىتىدۇر — ھېچقانداق تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغان پۇقرالار قاتناش ۋاسىتىسىگە قەستەن قىلىنغان ھۇجۇم» دېدى.

سۇمى ھەربىي دائىرىلىرى، بىلوپىلليا شەھىرىگە يېقىن جايدا سۇمىغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتوبۇسنىڭ «رۇسلارنىڭ ھۇجۇمى»غا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇكرائىنانىڭ سۇمى چېگرا رايونى مارت ئېيىدىن بۇيان موسكۋانىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان ئېغىر بومباردىمانلىرىغا ئۇچرىماقتا. بۇ ئەھۋال، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ 2024-يىلى ياز ئايلىرىدىن بۇيان قىسمەن كونترول قىلىۋاتقان رۇسىيەنىڭ كۇرسكى ئوبلاستىدىن چېكىنىشىدىن كېيىن باشلاندى.

بۇ ئەڭ يېڭى ھۇجۇم، جۈمە كۈنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىك ۋە شەرقىي جەنۇبىدىكى خېرسون ئوبلاستلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن يۈز بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Russian official reports 'good results from Moscow-Kiev direct talks in Istanbul

ئەڭ چوڭ ئەسىر ئالماشتۇرۇش

موسكۋانىڭ 2022-يىلى فېۋرالدىكى كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، 2022-يىلى ئەتىيازدا ئىككى تەرەپ يەنە ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن بۇيان ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى بىۋاسىتە سۆھبەت بولغان بۇ قېتىمقى ئەڭ يېڭى ئۇچرىشىش بولسا، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەر بىرىدىن 1000 دىن ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە كونكرېت كېلىشىم ھاسىل قىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

بىراق، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان، ئۇكرائىنانىڭ زور بىر قىسمىنى ۋەيران قىلىپ، مىليونلارچە كىشىنى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىۋەتكەن توقۇنۇشنى توختىتىشقا قارىتا ھېچقانداق ئىلگىرىلەش ئالامىتى كۆرۈنمىدى.

رۇسىيەنىڭ باش مۇزاكىرىچىسى ۋلادىمىر مېدىنسكىينىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ «كەلگۈسىدىكى مۇمكىن بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئائىت پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.»

ئۇكرائىنانىڭ باش مۇزاكىرىچىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۇمەروۋ، «كېيىنكى قەدەمنىڭ» ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا بىر ئۇچرىشىش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رۇسىيە بۇ تەلەپنى «خاتىرىلەپ قويغانلىقىنى» بىلدۈردى.

رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئۈچۈن تۈركىيەنى كۆرسەتكەن ۋلادىمىر پۇتىن كېيىنچە ئىستانبۇلغا بېرىشنى رەت قىلغان، زېلېنىسكىي بولسا پۇتىننى «قورقۇش» بىلەن، رۇسىيەنى بولسا، سۆھبەتكە «ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماسلىق» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye plays the peacemaker as Putin, Zelenskyy seek truce in Istanbul

شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش

زېلېنىسكىي، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە پولشا رەھبەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئالبانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ يىغىندا، ئىستانبۇل سۆھبىتى مەغلۇپ بولغان ئەھۋالدا دۇنيادىن «كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش» ۋە يېڭى جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، موسكۋا «شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىش»نى رەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەگە قارىتا قوشۇمچە جازا تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

موسكۋامۇ ۋاشىنگتونمۇ پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش توغرىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ترامپ، پۇتىن بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشمەي تۇرۇپ، توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە «ھېچقانداق نەتىجە بولمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

ئىستانبۇل سۆھبىتى جەريانىدا، بىر ئۇكرائىنالىق مەنبە فرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) غا، رۇسىيەنىڭ، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېئورگىي «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەپ ئاتىغان ئېغىر زېمىن تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

موسكۋا ئۇكرائىنادىن 2022-يىلىدىن بۇيان قىسمەن ئىشغالى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان 4 رايوننى ۋە 2014-يىلى ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمنىڭ ئىگىشلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Russian strikes on Ukraine wound 31

ئىزدىنىڭ
ترامپ ۋېنگىرىيەگە قارىتىلىدىغان جازانى بىر يىل كېچىكتۈردى
خىتاي گوللاندىيەنى نېكسپېرىيا مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ترامپ G20 باشلىقلار يىغىنىنى بايقۇت قىلدى
سېئۇل: شىمالىي كورېيە ئەڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
جېنسېن خۇاڭ: خىتاي سۈنئىي ئەقىلدە ئامېرىكادىن نانوسېكۇنت ئارقىدا
فلورىدا سوتنىڭ قارارى بويىچە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ مال-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدۇ
مامدانى نىيۇ يورك تارىخىدا شەھەر باشلىقلىقىغا سايلانغان مۇسۇلمان نامزات بولۇپ قالدى
پۇتىن رۇسىيەدە سىيرەك توپا قېزىش ئۈچۈن مىنىستىرلار كېڭىشىدىن پىلان تۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ مامدانىنىڭ مالىيە ياردىمىنى كېسىدىغانلىقى ئېيتىپ تەھدىت سالدى
ترامپ: مادۇرو ھاكىمىيىتىنىڭ كۈنلىرى ساناقلىق
«ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈركىلىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەربىي ئالاقە قاناللىرىنى ئاچىدۇ»
پاكىستان ئافغانىستان مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشى ئۈچۈن تۇرخام چېگرا ئېغىزىنى ئاچتى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى 3 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى
مالدىۋې ئاراللىرى دۇنيادىكى تۇنجى ئەۋلادلار ئارا تاماكا چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى
تانزانىيەدە زوراۋانلىق ۋە نامايىشلار سايىسىدا سايلام ئۆتكۈزۈلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا 15 ياشلىق پەلەستىنلىك بىر بالىنى ئۆلتۈردى
موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا تەلەپلىرىدە چىڭ تۇرۇۋېلىشى، ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىنى تورمۇزلاپ قويدىمۇ؟
مېرز: تۈركىيە بىلەن  بولغان يېقىن شېرىكلىكىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى خالايمەن
ترامپ: شى جىنپىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلارنى ئېكسپورت قىلىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىدۇ
ترامپ ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىشى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈردى