تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان 23-نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ
مىنىستىر خاقان فىدان يىغىندا تۈركىيەنىڭ رايون مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى تەكىتلەيدۇ.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 6-، 7-دېكابىر كۈنلىرى قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 23-نۆۋەتلىك دوھا مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ.
تۈركىيە دىپلوماتىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىدان بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنغا قاتنىشىدۇ ۋە 6-دېكابىر كۈنى «پارچىلىنىش دەۋرىدە مۇرەسسەچىلىك» ناملىق مۇنبەرنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ «كۈنتەرتىپ ياراتقان سۆھبەت» يىغىنىدا سۆز قىلغۇچى سۈپىتىدە ئورۇن ئالىدۇ؛ بۇ يىغىندا «ئوتتۇرا شەرقنىڭ خەۋپسىزلىك قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تۈركىيەنىڭ رايون مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى» مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
فىداننىڭ پائالىيەتكە پاراللېل سۆھبەتلەر دائىرىسىدە بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشىمۇ كۈتۈلمەكتە.
رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان دوھا مۇنبىرى، بۇ يىل «ھەرىكەتتىكى ئادالەت: سۆزدىن ھالقىغان ئىلگىرىلەش» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يىغىنغا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، مىنىستىرلار، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، ئاقىللار ئامبارلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلمەكتە.
پائالىيەتنىڭ مەزمۇن شېرىكلىرى ئارىسىدا ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرىمۇ ئورۇن ئالىدۇ.