تەنتەربىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە كوماندىسى ئاستون ۋىللانىڭ مەستانىلەر چەكلىمىسىدىن كېيىن مېھمان مەيداننى ئىشلەتمەيدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ ماككابى تېل ئاۋىۋ كوماندىسى ئاستون ۋىللانىڭ ئالدىنقى ھەپتە بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن ماككابى تېل ئاۋىۋ مەستانىلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيدانىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشىدىن كېيىن، مۇسابىقە توغرىسىدا قارار چىقاردى.
ئىسرائىلىيە كوماندىسى ئاستون ۋىللانىڭ مەستانىلەر چەكلىمىسىدىن كېيىن مېھمان مەيداننى ئىشلەتمەيدۇ
ئىسرائىلىيە كوماندىسى ئاستون ۋىللانىڭ مەستانىلەر چەكلىمىسىدىن كېيىن مېھمان مەيداننى ئىشلەتمەيدۇ / AP Archive

ئىسرائىلىيە كوماندىسى ماككابى تېل ئاۋىۋ كېلەر ئايدا ئاستون ۋىللا كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە، يەرلىك دائىرىلەر مەستانىلەر چەكلىمىسىنى بىكار قىلغان تەقدىردىمۇ، مېھمان مەيدان مەستانىلىرى ئۈچۈن بېلەت قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان چەكلەش قارارى ئەنگلىيە ساقچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن چىقىرىلدى. ساقچى تەرەپ نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو ۋە ئىتالىيەنىڭ ئۇدىن شەھەرلىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئاخىرقى دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىلىرى جەريانىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردىن كېيىن، ۋىللا باغچىسى ئەتراپىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان نامايىشلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاستون ۋىللا كوماندىسى تەرىپىدىن ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئاستون ۋىللا ياۋروپا بىرلەشمىسىدە 6 – نويابىر پەيشەنبە كۈنى ماككابى تېل ئاۋىۋ بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدە مېھمان مەيداندا مەستانىلىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىغا دائىر بىخەتەرلىك مەسلىھەت گۇرۇپپىسى (SAG) دىن يوليورۇق تاپشۇرۇۋالدى.»

ماككابى تېل ئاۋىۋ بولسا مېھمان مەيداندىكى مەستانىلىرى ئۈچۈن ھەرقانداق شەكىلدە بېلەت سېتىپ بېرىشنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماككابى تېل ئاۋىۋنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«بۇنىڭدىن بۇرۇنقى قىيىن تەجرىبىلەردىن ساۋاق ئېلىپ، كوماندىنىڭ مېھمان مەيداندىكى مەستانىلىرى ئۈچۈن ھەرقانداق شەكىلدە بېلەت سېتىپ بېرىلىشىنى رەت قىلىشنى قارارلاشتۇردۇق، بۇ قارارىمىز چۈشىنىشلىك بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز.»

غەربىي مىدلاند رايونلۇق ساقچى تەرەپ ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى مىسال كەلتۈرۈپ، مۇسابىقىنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە خەتەرلىك دەپ قارىدى. بولۇپمۇ 2024 – يىلى نويابىردا ئامىستېردامدا ئاياكس بىلەن ماككابى تېل ئاۋىۋ مەستانىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك توقۇنۇشلار بۇ خەۋپنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

 چاتاق چىقارغۇچى مەستانىلەر

 ياۋروپا مىقياسىدا مېھمان مەيداندىكى مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان ئىسرائىلىيە مەستانىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بولۇپمۇ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان بارغانسېرى كۆپرەك مەسىلە پەيدا قىلماقتا. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرى ۋە ھوقۇق تەلەپ قىلىش پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن دىققەت قوزغىماقتا.

سېنتەبىر ئېيىدا گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستېردام «ئىشغال ياكى ئىرقىي كەمسىتىشكە تۆھپە قوشتى» دەپ قارالغان ماككابى تېل ئاۋىۋ مەستانىلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىشىنى چەكلىدى. بۇ قارار بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئاياكس ئامىستېردام بىلەن ئوينالغان مۇسابىقە جەريانىدا ماككابى تېل ئاۋىۋ مەستانىلىرىنىڭ خۇسۇسىي مال-مۈلۈكتىكى پەلەستىن بايراقىنى نىشان قىلىپ زوراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن كېيىن چىقىرىلدى.

 ئاممىۋى تاراتقۇلاردا كەڭ تارقالغان ۋىدېيولار ماككابى مەستانىلىرىنىڭ پەقەت خۇسۇسىي مۈلۈكنى ۋەيران قىلىپلا قالماي، يەرلىك تاكسى شوپۇرلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ھەتتا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

باشقا دوكلاتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەلىك چاتاق چىقارغۇچىلارنىڭ «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئەرەبلەرنى ۋەيران قىلسۇن» ۋە «غەززەدە مەكتەپ يوق، چۈنكى بالىلار قالمىدى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغانلىقى كۆرۈلدى.

ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى سەۋەبىدىن بېسىم ئاستىدا بولۇپ، ئىسرائىلىيە كوماندىسى قاتناشقان ھەرقانداق مۇسابىقىدە نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە.

نورۋېگىيە مەستانىلىرى 11 – ئۆكتەبىردە ئىسرائىلىيەگە قارشى 2026 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىدە ئۇللېۋال تەنتەربىيە مەيدانىنى پەلەستىن بايرىقى بىلەن بېزەپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

15 – ئۆكتەبىردە بولسا، پەلەستىننى قوللايدىغان ئىتالىيەلىك تەخمىنەن 10 مىڭ نامايىشچى، ئىسرائىلىيەگە قارشى ئوينالغان دۇنيا لوڭقىسى تاللاش مۇسابىقىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن، ساقچى تەرەپ بۇ نامايىشچىلارغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى بىلەن ئارىلاشقان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى