سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئاقساراي: نوبېل كومىتېتىنىڭ ترامپقا مۇكاپات بەرمەسلىكى «تىنچلىق ئورنىغا سىياسەتنى قويغانلىقى»دۇر
ئاقساراي باياناتچىسى ستېۋېن چۇڭ (Steven Cheung) نوبېل كومىتېتىنى ترامپنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، تىنچلىق مۇكاپاتىنى ۋېنېزۇئېلادىكى ئۆكتىچى رەھبەر مارىيا كورىنا ماچادوغا بەرگەنلىكى ئۈچۈن تەنقىدلىدى.
ئاقساراي: نوبېل كومىتېتىنىڭ ترامپقا مۇكاپات بەرمەسلىكى «تىنچلىق ئورنىغا سىياسەتنى قويغانلىقى»دۇر
ئوسلودىكى نوبېل ئىنىستىتۇتىغا قويۇلغان نوبېل تېنچلىق مېدالىنىڭ بىر نۇسخىسى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ئاقساراي نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئەمەس، بەلكى ۋېنېزۇئېلالىق ئۆكتىچى رەھبەرگە بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

ئاقساراي باياناتچىسى ستېۋېن چۇڭ جۈمە كۈنى ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«پىرېزىدېنت ترامپ تىنچلىق كېلىشىملىرىنى تۈزۈشنى، ئۇرۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە ھاياتنى قۇتۇلدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئىنسانپەرۋەرلىككە تولغان قەلب بار. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىرادىسىنىڭ كۈچى بىلەن تاغلارنى يۆتكىيەلەيدىغان بىرى يوق. نوبېل كومىتېتى تىنچلىق ئورنىغا سىياسەتنى تاللىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.»

نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتى بۇ يىللىق مۇكاپاتنى ۋېنېزۇئېلالىق مارىيا كورىنا ماچادوغا بەردى.

نوبېل كومىتېتى ئۇنى «ئەركىنلىكنىڭ باتۇر قوغدىغۇچىلىرىدىن بىرى» دەپ ئاتاپ، «ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش يولىدا توختىماي قىلغان خىزمەتلىرى» ئۈچۈن مۇكاپاتلىدى.

ماچادو ئېكس (X) بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«بىز غەلىبىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرۇۋاتىمىز، بۈگۈن بىز ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە ئېرىشىش ئۈچۈن پىرېزىدېنت ترامپقا، ئامېرىكا خەلقىگە، لاتىن ئامېرىكا خەلقلىرىگە ۋە دۇنيادىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنى ئاساسلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىز سۈپىتىدە ھەر دائىمقىدىن بەكرەك ئىشىنىمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Not winning Nobel would be 'insult' to US: Trump

دۆلىتىمىزگە ئېغىر ھاقارەت

ترامپ مۇكاپات ئۈچۈن چوڭ تەشۋىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ھەپتە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش ۋە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

جۇمھۇرىيەتچى پىرېزىدېنت تېخى نوبېلنىڭ بۇ قارارىغا باھا بەرمىگەن بولسىمۇ، جۈمە كۈنى ئەتىگەن «TruthSocial» بېتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرغان غەززە تىنچلىق كېلىشىمىنى تەبرىكلىگەن قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۈچ پارچە ۋىدېيوسىنى ھەمبەھرلىگەن ئىدى.

ترامپ ئۆزىدىن بۇرۇنقى تۆت ئامېرىكا پىرېزىدېنتى قولغا كەلتۈرگەن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئارزۇسىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىدىن باراك ئوباما (Barack Obama) 2009-يىلى، جىممىي كارتېر (Jimmy Carter)  2002-يىلى، ۋۇدرو ۋىلسون (Woodrow Wilson) 1919-يىلى ۋە تېيودور روزۋېلت (Theodore Roosevelt) 1906-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

كارتېردىن باشقا بارلىق پىرېزىدېنتلار ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە بۇ مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ سەككىز ئايدىن كېيىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى. پىرېزىدېنت ترامپمۇ ھازىر ئۆزىنىڭ 2-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىق دەۋرىنىڭ 8-ئېيىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

نوبېل ترامپنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان مۇكاپاتى

ترامپ يېقىندا ب د ت دا قىلغان نۇتقىدا، «ئاخىرلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان يەتتە ئۇرۇش» نى بىر نەچچە قېتىم توختاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

ئۇ ئۆتكەن ھەپتە غەززە ئۈچۈن تەييارلىغان 20 ماددىلىق تىنچلىق پىلانى ئەمەلگە ئاشقان ئەھۋالدا، «سەككىز ئايدا سەككىز ئۇرۇش ئاخىرلىشىدۇ. بۇ خېلى ياخشى ئىش» دېگەن ئىدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇنى ھېچكىم قىلمىدى. نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشەمسىز؟ ھەرگىز ياق» دەپ كىنايە قىلغان ئىدى.

ترامپ 30-سېنتەبىر ۋىرجىنىيەدە ھەربىي رەھبەرلەرگە قىلغان نۇتقىدا نوبېل كومىتېتىنىمۇ تىلغا ئېلىپ: «ئۇلار ھېچنېمە قىلمىغان بىرىگە بېرىدۇ. لېكىن، سىلەرگە دېسەم بۇ دۆلىتىمىزگە ئېغىر ھاقارەت بولىدۇ» دېگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى
فىرانسىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئاممىۋى تاراتقۇلارغا كىرىشىنى چەكلىدى
ب د ت ئامېرىكا-ئىران جىددىيچىلىكىنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى
ئۆزبېكىستان ئىقتىسادى يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا %8.5 ئاشتى