تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ئون يىللاپ داۋاملاشقان ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بېرىلىشى شەرت
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى خەلقئارا جامائەتچىلىكنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.
ئەردوغان: ئون يىللاپ داۋاملاشقان ئادالەتسىزلىككە خاتىمە بېرىلىشى شەرت
/ Reuters
2025-يىلى7-ئاينىڭ21-كۈنى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلاپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئارالدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە قىبرىس تۈركلىرىگە قارىتا «ئون يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئادالەتسىزلىك»كە خاتىمە بېرىشكە دەۋەت قىلدى.

ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ 1974-يىلىدىكى قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 51 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن لەفكوشادا قىلغان سۆزىدە: «كىمنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە تۈركىيەنىڭ قوللىشى بىلەن قىبرىس تۈركلىرى ئۆز ماكانىدا مەڭگۈ ئەركىن-ئازادە ياشايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ئۆز كۈچىنى يوقاتقان فېدېراتسىيە مودېلىنى ئاساس قىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پارامېتىرلىرى»نى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

«قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يوقىتىپ قويىدىغان يەنە بىر 60 يىلى يوق» دېگەن ئەردوغان، «قىبرىس تۈرك تەرىپىنىڭ قوللىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا قايتۇرۇۋالغانلىقى» مەلۇم بولۇپ تۇرۇقلۇق، باشقىلارنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تېڭىش تىرىشچانلىقلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ يەنە: «نەچچە قېتىم سىنىلىپ مەغلۇپ بولغان بىر ھەل قىلىش مودېلىدا قەستەن چىڭ تۇرۇۋېلىشنىڭ ھېچكىمگە ھېچقانداق پايدىسى يوق» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىۋاسىتە سودا ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى يولغا قويۇشقا چاقىردى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى خەلقئارا جامائەتچىلىكنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىۋاسىتە دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا، شۇنداقلا بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ۋە سودىنى باشلاشقا چاقىردى. ئۇ بۇ قەدەملەرنىڭ ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «گەرچە رۇملار ئۆزىنى ئارالنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانى ۋە ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت» دېدى.

ئەردوغان 1974-يىلى قىبرىس تۈركلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوزغىغان گىرېتسىيەنىڭ  قوللىشى ئاستىدىكى رۇم ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشىگە قارشى تۈركىيە قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

ئۇ: «قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتى جەريانىدا تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ ئارالغا قەدەم بېسىشى بىلەن پۈتكۈل جاھان قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتتى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ ئىزچىل قوللىشى

ئەردوغان 1983-يىلى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا مەيداندا يېتىم قالدۇرۇلۇشىغا قارىماي، تۈركىيەنىڭ قوللىشىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئۇلار قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئالغا بېسىش يولىنى توسۇش ئۈچۈن قايسى ئىشىكنى تاقىۋەتسە تاقىۋەتسۇن، بىز ھەر دائىم ئاچىدىغان يىپيېڭى ئىشىكلەرنى ۋە يوللارنى تېپىپ چىقتۇق» دېدى.

1974-يىلى ئافىنانىڭ يانتاياق بولۇشىدىكى رۇم ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، تۈركىيە ئۆزىنىڭ كاپالەتچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ئاساسەن قىبرىس تۈركلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قوغداش مەقسىتىدە ئارالغا ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قىبرىس ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن ھالەتتە تۇرماقتا.

شۇ ۋاقىتتىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قاتار سۆھبەتلەر مەڭگۈلۈك بىر ھەل قىلىش چارىسىنى بارلىققا كەلتۈرەلمىدى.

2017-يىلى شېۋىتسارىيەنىڭ كىران مونتانا شەھىرىدە گىرېتسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ كاپالەتچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم بىر تەشەببۇس مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى مەبلەغ سېلىش قەدەملىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «بىز پەقەت قاتناشتا ئەمەس، بەلكى ساياھەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىدىمۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ پارلاق يۇلتۇزىغا ئايلاندۇردۇق» دېدى.

«ئارالدىكى رېئاللىق»

رۇم ھاكىمىيىتى 2004-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولدى. رۇملار قىبرىس تۈركلىرى تەستىقلىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىرلىشىش پىلانىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئارالدىكى سىياسىي بۆلۈنۈشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى.

ئەردوغان خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئەمدى نەق مەيداندىكى رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى تەكرارلاپ: «خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئارالدىكى ھەقىقىي ئەھۋالغا يۈزلىنىش ۋاقتى كەلدى» دېدى.

ئەردوغان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ سىياسىي باراۋەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ئىراننى «ناھايىتى چوڭ ئىش بولىدىغانلىقى» بىلەن ئاگاھلاندۇردى
ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى قۇللۇق تۆلەم سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بارلىقىنى بىلدۈردى
ھىندونېزىيە: غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن
خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى