خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى / Reuters

كولومبىيە دائىرىلىرىنىڭ 17 نەپەر كىچىك بالىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىدىن بىرنەچچە كۈن كېيىن، ئۇلترا-ئورتودوكس يەھۇدىي گۇرۇھىنىڭ توققۇز ئەزاسى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلدى.

كولومبىيە دۈشەنبە كۈنى سۇيىئىستېمال قىلىنغانلىقى ئېنققلانغان 17 بالىنى قۇتقۇزۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىنغاندىن بىرنەچچە كۈن كېيىن، ئورتودوكس يەھۇدىي تەرىقىتى «لېۋ تاھور» نىڭ توققۇز ئەزاسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

كولومبىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىقەت ئەزالىرىغا مېدېللىن خەلقئارا ئايرودرومىدا ھەمراھ بولۇنغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن نيۇيوركقا ماڭىدىغان ئايروپىلانغا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر ئارىسىدا ئامېرىكا ۋە گىۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كىچىك ياشتىكى بەزى بالىلارنىڭمۇ ئامېرىكىدىكى بالىلارنى قوغداش ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئوخشاش ئايروپىلان بىلەن يۆتكەلگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - What is Lev Tahor, the Jewish cult in the spotlight for child trafficking?

تەرقەت يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈش ئاستىدا ئىدى.

نامى «ساپ قەلب» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان لېۋ تاھور، مېكسىكا، كانادا، گىۋاتېمالا ۋە ئەمدىلىكتە كولومبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرنەچچە دۆلەتتە يىللاردىن بۇيان مەجبۇرىي ھامىلىدار قىلىش، كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە باسقۇنچىلىققا ئوخشاش ئەيىبلەشلەر سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلمەكتە ئىدى.

1980-يىللاردا قۇرۇلغانلىقى پەرەز قىلىنغان گۇرۇھنىڭ شىمالىي ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكالىق تەخمىنەن 50 ئائىلىدىن تەركىب تاپقانلىقىغا ئىشىلىنىدۇ. رەھبەرلىرىدىن بىرنەچچىسى ھەققىدە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

2024-يىلى دېكابىردا گىۋاتېمالا دائىرىلىرى تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ كەڭ تارقالغان جىنسىي ۋە جىسمانىي سۇيىئىستېمال ئەيىبلەشلىرى بويىچە لېۋ تاھورنىڭ داچىسىدىن 160 كىچىك بالىنى قۇتقازغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى