سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋېنگىرىيەنىڭ توسقۇنلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى دۆلىتىنىڭ ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ يەنىلا ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋېنگىرىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئەزالىقىغا بولغان توسقۇنلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشقا چاقىردى.
زېلېنسكىي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ۋېنگىرىيەنىڭ توسقۇنلۇقىنى بۇزۇپ تاشلاشقا چاقىردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سۈرەت: ئا پ. / AP
2025-يىلى7-ئاينىڭ11-كۈنى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي پەيشەنبە كۈنى (10-ئىيۇل) دانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىگە رىياسەتچىلىك قىلىش مەزگىلىدە، دۆلىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بارلىق سۆھبەت تېمىلىرىنى ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ۋېنگىرىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىتتىپاققا ئەزا بولۇش يولىدىكى ئىلگىرىلىشىگە كاشىلا قىلىۋاتقان ۋېتوسىنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.

زېلېنسكىي بۇ سۆزلەرنى رىمدىكى ئۇكرائىنانى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يىغىنى ھارپىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن ۋە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارغا 2 مىليارد ياۋرودىن (2 مىليارد 300 مىليون دوللار) ئاشىدىغان يېڭى ياردەم پىلان-لايىھەسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتىم. ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا بايراقدار فوندىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ مۇھىم. بۇ ئۇكرائىناغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشنى جەلپ قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.»

ئۇ يەنە ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ يەنىلا ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ۋېنگىرىيەنىڭ ۋېتوسىنى يېڭىش ئۈچۈن بىر چارە تېپىلىشى كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش ئېھتىماللىقىغا كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇرۇش ھالىتىدىكى بىر دۆلەتنى ئىتتىپاققا قوشۇۋېلىشنىڭ ئىتتىپاقنىڭ مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي گېرمانىيە، فىنلاندىيە، پولشا ۋە بۇلغارىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى فرىدرىخ مېرز بىلەن بولغان سۆھبىتىدىن كېيىن، بېرلىننىڭ ھەربىي ياردىمىگە، بولۇپمۇ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى جەھەتتىكى ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ ئېكس (X) سەھىپىسىدە مۇنداق دېدى: «مەن باش مىنىستىرغا رۇسىيەنىڭ يېقىنقى ھۇجۇملىرى ۋە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدىلا ئونلىغان ‹شاھېد› (رۇسىيەنىڭ ئىراندىن سېتىۋالغان ئۇچقۇ) نى ئېتىپ چۈشۈرۈۋاتقان ئۇچقۇلىرىمىز ھەققىدە مەلۇمات بەردىم.»

ئۇ گېرمانىيەنىڭ ئۇچقۇ ياساش كېڭەيتىشكە ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش يولىنى قوللاشتىكى تەسىر كۈچىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «گېرمانىيە دەل بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىش يولىمىزنى ئېچىشقا ياردەم بېرەلەيدىغان تەسىر كۈچى ۋە نوپۇزغا ئىگە دۆلەت.»

ئۇ يەنە فىنلاندىيە باش مىنىستىرى پېتتېرى ئورپو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا فىنلاندىيەنىڭ ئۇكرائىنانى ئىزچىل قوللىغانلىقى ۋە فىنلاندىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇش مۇنبىرىدىكى كۈچلۈك مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ رۇسىيە-ئىراننىڭ ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ياسىشىنى ۋە بىرلەشمە كارخانىلارنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ بۇلغارىيە باش مىنىستىرى روسېن ژېليازكوۋ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە، بۇلغارىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇلغارىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشىنى قوللىغانلىقى ۋە «ئۇكرائىنانى قوللاش گۇرۇپپىسى» غا قېتىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Zelenskyy to Erdogan: Ukraine wants Türkiye to be part of the peace talks

ئۇ ئاخىرىدا، پولشا باش مىنىستىرى دونالد تاسك بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا پولشانىڭ مۇداپىئە ياردىمى، يىغىنغا قاتناشقانلىقى ۋە ياۋروپا بايراقدار فوندىغا قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىك پىروگراممىسى دائىرىسىدە ۋە بىرلەشمە قورال-ياراغ ياساش ئىشلىرىدا پولشا بىلەن ھەممكارلىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي شۇ كۈنى ئەتىگەندە، «ئۇكرائىنانى قوللاش گۇرۇپپىسى» يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ھەر قايسى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلاردىن 32 ۋەكىل قاتناشتى. ئامېرىكادىن تۇنجى قېتىم گېنېرال كېيىت كېللوگ، پالاتا ئەزالىرى لىندسېي گراھام ۋە رىچارد بىلۇمېنتال قاتارلىق كىشىلەر قاتناشتى.

زېلېنسكىي يىغىندا مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنانى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ تىرىشچانلىقلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك بىخەتەرلىك ۋە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم.»

ئىزدىنىڭ
ئىستانبۇلدىكى ئىسرائىلىيە كونسۇلخانىسى يېنىدا ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراننىڭ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى ئىسرائىلىيەدە خىمىيەلىك ئېقىپ كېتىش خەۋپى تۇغدۇردى
ئىران: «پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىكى رولى «ھالقىلىق باسقۇچقا يېقىنلاشتى»
فىرانسىيە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدىكى تارقاقلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتتى
تېھران ئاھالىلىرى ترامپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەھدىتلىرىدىن كېيىن ئېنىقسىزلىققا تەييارلىق قىلماقتا
ئەرەب ئەللىرى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيە مىنىستىرىنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ۋاسىتىلىك (ترانسىت) سودىنى باشلىدى
يادرو ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى: ئىران  يادرو ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملار توختىتىلىشى كېرەك
ئانتونىيو كوستا: ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرى قانۇنسز
ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇمى ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت خىمىيە بىرلەشمە زاۋۇتىغا زەربە بەردى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ھۇجۇمىدىن كېيىن، پەلەستىندىن خەلقئارانى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئىراننىڭ ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرۇشىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتامدۇ؟
پاكىستان: ئىران ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراندا  چۈشۈرىۋېتىلگەن ئايروپىلانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تەننەرخى 100 مىليون دوللار