خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئۆلكىنىڭ 25 رايونىدا 1.1 مىلىيوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ سەللەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى

ھىندىستاننىڭ شىمالىي شەرقىدىكى ئاسسام ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان سەللەردە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 100 گە چىقتى.

ئاسسام ئۆلكىلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (ASDMA) نىڭ باياناتىدا، ئۆلكە مىقياسىدىكى سەللەردا ئاخىرقى 24 سائەتتە يەنە 2 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۆلكىدە سەل سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى.

ئاسسام ئۆلكىلىك باش مىنىستىرى ھىمانتا بىسۋا سارما، X ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆلكىنىڭ 25 رايونىدا 1 مىلىيون 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سەللەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىددەتلىك يامغۇرلار ۋە سەللەرنىڭ ئۆلكىنىڭ ئۇل-ئەسلىھەلىرىگىمۇ چوڭ زىيان يەتكۈزگەنلىكى، ئۆلكە مىقياسىدا 16 مىڭ 951 گېكتارلىق تېرىلغۇ يەرنىڭمۇ سۇ ئاستىدا قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

جەنۇبىي ئاسىيادا ئىيۇن-سېنتەبىر ئايلىرىدا ئېغىر تەسىر يارىتىدىغان پەسىللىك يامغۇر، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق رايون دۆلەتلىرىدە ھەر يىلى چوڭ كۆلەملىك تەبىئىي ئاپەتلەرگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
كاللاس ئىسرائىلىيە كۆچمەن رايونلىرى بىلەن تىجارەت قىلىشنى مەنئى قىلىشنى قوللىدى
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»نىڭ 25 يىللىقىنى پېنتاگوندا خاتىرىلەيدۇ
پولشا باش مىنىستىرى تاسك: ئۇكرائىنا-پولشا چېگرا ئېغىزىغا قىلىنغان تەھدىتنىڭ ئالدى ئېلىندى
مىنىستىر تەكىن: نىشانىمىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىدا ئالدىنقى قاتارغا تىزىلىش
84 كىشى يوقاپ كەتكەن فىلىپپىن يولۇچىلار پاراخوتىغا قۇتقۇزۇش خادىملىرى كىردى
تۈركىيە - ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنياۋى مەركەزگە ئايلىنىش ئۈچۈن زور مەبلەغ سېلىشنى نىشان قىلماقتا
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
ئۇكرائىنا رۇسىيە زېمىنىدا ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇساپىلىك ھۇجۇمنى ئېلىپ باردى
رۇسىيە: ئەنگلىيەلىك دىپلوماتلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلىغان «ئۇكرائىنا جاسۇسى» قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا پەلەستىنلىك بىر ئائىلىدىن تۆت كىشى شېھىت بولدى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەستايىدىل ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى: «ئىرانغا قارشى ئۇرۇش يىللارچە داۋاملىشىشى مۇمكىن» دېدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى