سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئۇكرائىنا ئارمىيەسى پايدىلىنىۋاتقان ستارلىڭك سۈنئىي ھەمراھىنىڭ تور سۈرئىتى ئاستىلىدى. بۇ كىيېۋدا ۋەھىمە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىچىدە بولسا قايمۇقۇش پەيدا قىلدى.
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئېلون ماسك ئۇكرائىنادىكى «ستارشېلد»نى چېكىندۈرۈشكە بۇيرۇق قىلغان. / AFP Archive

ئېلون ماسك ئۇكرائىنانىڭ «ستارشېلد» (Starshield) مۇلازىمىتىنى چەكلەشنى ۋە سۈنئىي ھەمراھ تورىغا ئۇلانغان ئۇكرائىنا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈرئىتىگە چەكلىمە قويغان بولۇپ، بۇ ھال بەزى ھۇجۇمچى ۋە توسۇپ زەربە بەرگۈچى ئۇچقۇلارنى ئاساسەن ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» (WSJ) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سىپېيس ئېكس (SpaceX) نىڭ قۇرغۇچىسى ئېلون ماسك ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرى ئىشلىتىۋاتقان «ستارلىڭك» (Starlink) نىڭ تور سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشنى بۇيرۇپ، كىيېۋدا ۋەھىمە، ترامپ ھۆكۈمىتى ئىچىدە بولسا قايمۇقۇش پەيدا قىلغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ ژۇرنالغا ئاشكارىلىشىچە، ئېلون ماسك ئۇكرائىنا ئىشلىتىۋاتقان ستارلىڭك سۈنئىي ھەمراھ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ سۈرئىتىگە يۇقىرى چەك قويغان بولۇپ، بۇ بەزى ھەربىي ئۇچقۇلارنى ئەمەلىيەتتە ئىقتىدارسىز قىلىپ قويغان.

ئېلون ماسك ۋە پىرېزىدېنت دونالد ترامپ يېقىنقى ھەپتىلەردە ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەنىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، پىرېزىدېنت نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشىگە دەل مۇشۇ ھۇجۇملارنى سەۋەبچى دەپ كۆرسەتمەكتە.

خەۋەردە نەقىل كەلتۈرۈلگەن مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن ھەپتە سۈنئىي ھەمراھ تورىنى ئاستىلىتىش قارارى ئاشكارىلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، ئېلون ماسك بىلەن ترامپ ستارلىڭك توغرىسىدىكى مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلغان، لېكىن پىرېزىدېنت ترامپ بۇنداق بىر بۇيرۇقنى ئۆزىنىڭ چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.

سۈرئەتنى چەكلەش ئەھۋالى ئاشكارىلىنىپ بىر نەچچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، ئېلون ماسك ئېكس (X) (تۋىتتېر) سۇپىسىدا: «سۈرئەت ياكى ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق چەكلىمە ئامېرىكا ئارمىيەسى، ئەڭ ئاخىرىدا بولسا ئامېرىكا پىرىزىدېنتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ» دەپ يازغان.

ھالبۇكى، ترامپ دۈشەنبە (2026-يىلى 19-ئۆكتەبىر) كۈنى مۇخبىرلارغا ستارلىڭكنىڭ سۈرئىتىنى كىمنىڭ ئاستىلىتىپ قويغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «لېكىن، مەن بۇنى ئېنىقلاپ چىقىشنى خالايمەن» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرى پېت خېگسېت سەيشەنبە (20-ئۆكتەبىر) كۈنى: «بىز ھېچنېمىنى قايتۇرۇۋالمىدۇق (توختىتىپ قويمىدۇق)، لېكىن ستارلىڭكنىڭ ئۆز مۇلازىمەت شەرتلىرىگە ئالاقىدار قارارلارنى چىقىرىش ھوقۇقى بار» دېگەن.

ئۇ يەنە: «بىز ھېچقانداق كۆرسەتمە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بۇيرۇق چىقارمىدۇق» دەپ قوشۇمچە قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - EU vows satellite support for Ukraine but cannot yet replace Starlink

 «ئېلون ماسك ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلغان»

ستارلىڭكنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىتىلغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي: «ئەگەر چەكلىمىسىز مۇلازىمەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىسە، ئۇكرائىنالىقلار ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن» دېگەن.

بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى «ۋال سترېت ژۇرنىلى» غا، ئېلون ماسكنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە ترامپنىڭ ئۇكرائىنادىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك بىرەر ئالاھىدە بۇيرۇق چىقارمىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇكرائىنا ستارلىڭكنىڭ ھەربىي سۈنئىي ھەمراھ مۇلازىمىتى بولغان «ستارشېلد» (Starshield) نى ئۇرۇش مەيدانى ئالاقىسى، ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن زەربە بېرىش ۋە توسۇپ زەربە بەرگۈچى ئۇچقۇلار ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.

ئۇكرائىنا يەنە، سىپېيس ئېكسنىڭ ئاممىۋى ستارلىڭك سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنىمۇ تەڭ قوللىنىپ كەلمەكتە.

يېقىنقى كۈنلەردە ۋاشىنگتون بىلەن كىيېۋ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى يىرىكلەشتى. پىرېزىدېنت زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىزېل مېيىنى دۇنيا بازىرىغا چىقىرىشىغا يول قويىدىغان ئامېرىكا كېلىشىمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ترامپ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىينى ھوقۇقىدىن چۈشۈشكە چاقىرغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Zelenskyy decries Starlink speed restrictions as US denies involvement
ئىزدىنىڭ
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ بەزى ئىشتاتلىرىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا بېلەت تاشلاش باشلاندى
باڭلادېشتا قىزىل كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان بالىلار سانى 1201 گە يەتتى
ئىسرائىلىيە 183 دۆنۈم پەلەستىن زېمىنىنى تارتىۋالدى
نېتانياھۇ ترامپقا «تاماملىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئىش بار» دېدى
يەمەن ئارمىيەسى: 1164 ھەرىكەتتە 558 ھۇسىي بىر تەرەپ قىلىندى
مىلان—جىددى ئايروپىلانى بومبا بارلىقى ھەققىدىكى مەلۇم قىلىش ئۇچۇر سەۋەبىدىن رىمغا جىددىي قوندى
كولومبىيەدىكى بىر قانۇنسىز ئالتۇن كېنى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 14 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئەۋەتىشنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈردى
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
مىنىستىر فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشتى