سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئوت كەتتى
ئىراقنىڭ بەسرە پورتىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت پاراخوتلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە 38 پاراخوت خادىمىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
ئىراق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئوت كەتتى
بەسرە پورتىدا ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئوت كەتتى، 38 پاراخوت خادىمى نىڭ قۇتقۇزۇۋېلىندى. رويتېرس. / Reuters

ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە پورتىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە بىر كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ئاخبارات بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال-لېيتېنانت سائاد مائان (Saad Maan) «ئەل-ئىراقىيە» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇممۇ قەسر پورتىدىكى نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە 38 پاراخوت خادىمىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پەيشەنبە (2026-يىلى 12-مارت) كۈنى: «ئىككى نېفىت پاراخوتى پەسكەشلەرچە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى» دېدى ۋە ھۇجۇمنىڭ ئىراقنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ خادىملارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالتە پاراخوتنىڭ ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىراقنى ئۇرۇشنىڭ قاينىمىغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى نېفىت پاراخوتى چارشەنبە (11-مارت) كۈنى كېچىدە پارتلاتقۇچ قاچىلانغان ئىران قولۋاقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمدا ئوت قويۇپ بېرىلگەن.

ئىراق پورتىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا، ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان پاراخوتلارنىڭ ئىراقتىن يېقىلغۇ قاچىلىغان، مارشال تاقىم ئاراللىرى بايرىقى ئېسىلغان «Safesea Vishnu» ۋە «Zefyros» ناملىق پاراخوتلار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىراق پورتىنىڭ بىر بىخەتەرلىك خادىمى «Zefyros» دا مالتا بايرىقى ئېسىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ھۇجۇملار خەلقئارا نېفىت سودىسىدىكى مۇھىم دېڭىز يولى بولغان پارس قولتۇقى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى تۇراقسىزلىق كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە يۈز بەردى.

نېفىت پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئىران ھەربىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم زولفىقارى (Ebrahim Zolfaqari) بىر ۋارىل نېفىت باھاسىنىڭ 200 دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى ۋە بۇ ئۆرلەشنى رايون خاراكتېرلىك تۇراقسىزلىق بىلەن باغلىدى.

ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان، پارس قولتۇقىدىكى نېفىت پاراخوتلىرىغا قارىتا ئىران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان دەپ گۇمان قىلىنغان 13 قېتىملىق ھۇجۇم يۈز بەردى.

بۇ ۋەقەلەر 28-فېۋرال ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى بىرلەشمە ھۇجۇمىدىن كېيىن، رايوندىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىران دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ھۇجۇمدا سابىق ئالىي رەھبەر ئەلى ھامەنېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1200 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

تېھران بۇنىڭغا جاۋابەن ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي ئەسلىھەلىرى جايلاشقان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشانلىغان ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن ئۆچ ئالماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump signals possible off-ramp from Iran war, claiming 'practically nothing left' to target
ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار