ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ياۋروپا رەھبەرلىرى بۇ ھەپتە ئامېرىكاغا كېلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يېقىندا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ: ياۋروپا رەھبەرلىرى بۇ ھەپتە ئامېرىكاغا كېلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
/ Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەزى ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا كېلىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ نىيۇ يوركتىكى ئامېرىكا چويلا توپ مۇسابىقىسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەنمۇ يېقىندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بەزى ياۋروپا رەھبەرلىرى دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنى دۆلىتىمىزگە كېلىدۇ.»

ترامپنىڭ قايسى رەھبەرلەرنى كۆزدە تۇتقانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، ئاقساراي بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر بېرىش تەلەپلىرىگە دەرھال جاۋاب قايتۇرمىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئۇكرائىنا دائىرىلىرى كىيېۋدىكى ئاساسلىق ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ كۆيۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن رۇسىيەنىڭ زور كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن «رازى ئەمەسلىكىنى» سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى، ھەمدە كىرىزىسنىڭ يېقىندا ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

رۇسىيە-ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump ready for 'phase two' of Russia sanctions after Moscow's largest air attack on Ukraine

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»