فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان-نوئېل بارروت، ئۆكتەبىردە فىرانسىيەدىكى يۈزلىگەن تاللا بازارلىرى زەنجىرىنى نىشان قىلغان تور ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەتتە دۆلەت گۇرۇھىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا، گۇرۇھقا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندىن كېيىن بارروت مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب قايتۇردى.
فىرانسىيەدە 11 – 12-ئۆكتەبىر كۈنلىرى يۈزلىگەن تاللا بازىرىنى نىشانلاپ توڭلاتقۇلارنى كاردىن چىقارغان تور ھۇجۇمىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن بارروت: «دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كۆرسەتكەن ئالاھىدە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە، بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قاراشلىق ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىغا ئائىت ئىكەنلىكىنى دەلىللىيەلەيمەن» دېدى.
بۇ ھۇجۇمنىڭ فىرانسىيە زېمىنلىرى ئىچىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بارروت، دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالغان مەزكۇر قىلمىشنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بارروت، تور ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن ئىراننىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، ئۆزلىرىنىڭ رەسمىي شەكىلدە نارازىلىق نوتىسى تاپشۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە بۇ ھۇجۇمغا چېتىشلىق كىشىلەرگە ياۋروپا مىقياسىدا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەرىكەتلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋە زۆرۈر بارلىق تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.




















