خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
يوناس گار ستوئېرې: ماسكنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ
نورۋېگىيە باش مىنىستىرى يوناس گار ستوئېرې ئامېرىكالىق سودا-سانائەتچى ئېلون ماسكنىڭ ئامېرىكا سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يوناس گار ستوئېرې: ماسكنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ
#NLX00 : بىرىتانىيەنىڭ باش وەزىرى كېير ستارمېر سەپەر قىلىدۇ / AFP

نورۋېگىيە باش مىنىستىر ستوئېرې نورۋېگىيەدە تارقىتىش  بېرىدىغان NRK رادىيوسىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممسىىدا سۆز قىلىپ: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە ئېرىش ئىمكانىيىتى بولغان ۋە غايەت زور ئىقتىسادىي مەنبەلەرگە ئىگە بىر كىشىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بۇنچىلىك بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى ئەندىشىلىك دەپ قارايمەن» دېدى.

ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنداق بولماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان ستوئېرې، ماسك نورۋېگىيە ھەققىدە پىكىر بايان قىلسا، نورۋېگىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك مۇئامىلە قىلىپ تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.

يېقىندىن بۇيان ماسك ياۋروپالىق بەزى سىياسەتچىلەرگە قارشى بىر قاتار ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىگەنىدى.

ماسك ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئاشقۇن ئوڭچىل ئېقىمدىكى «گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ» پارتىيەسىنى ماختاپ «گېرمانىيەنى پەقەت گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسىلا قۇتقۇزۇلايدۇ» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر ئۈچۈن «ستېينمېيېر دېموكراتىيەگە قارشى زوراۋان. ئۇنىڭغا نەپرەتلەر بولسۇن» دېگەنىدى.

ئامېرىكالىق مىلياردېرنىڭ بۇ سۆزلىرى گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە  كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغانىدى.

ماسك يەنە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېرنىڭ باش تەپتىش بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە بالىلارنى خورلىغان گۇرۇھلارنى يېتەرلىك جازالىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ستارمېر بولسا ماسكنى «يالغان ۋە خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى