يوناس گار ستوئېرې: ماسكنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ
نورۋېگىيە باش مىنىستىرى يوناس گار ستوئېرې ئامېرىكالىق سودا-سانائەتچى ئېلون ماسكنىڭ ئامېرىكا سىرتىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىشىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
نورۋېگىيە باش مىنىستىر ستوئېرې نورۋېگىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان NRK رادىيوسىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممسىىدا سۆز قىلىپ: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە ئېرىش ئىمكانىيىتى بولغان ۋە غايەت زور ئىقتىسادىي مەنبەلەرگە ئىگە بىر كىشىنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بۇنچىلىك بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى ئەندىشىلىك دەپ قارايمەن» دېدى.
ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇنداق بولماسلىقى كېرەكلىكىنى قەيت قىلغان ستوئېرې، ماسك نورۋېگىيە ھەققىدە پىكىر بايان قىلسا، نورۋېگىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ ئەقىل-پاراسەتلىك مۇئامىلە قىلىپ تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.
يېقىندىن بۇيان ماسك ياۋروپالىق بەزى سىياسەتچىلەرگە قارشى بىر قاتار ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرىلىگەنىدى.
ماسك ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئاشقۇن ئوڭچىل ئېقىمدىكى «گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ» پارتىيەسىنى ماختاپ «گېرمانىيەنى پەقەت گېرمانىيە ئۈچۈن ئالتېرناتىپ پارتىيەسىلا قۇتقۇزۇلايدۇ» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكەن، گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فىرانك-ۋالتېر ستېينمېيېر ئۈچۈن «ستېينمېيېر دېموكراتىيەگە قارشى زوراۋان. ئۇنىڭغا نەپرەتلەر بولسۇن» دېگەنىدى.
ئامېرىكالىق مىلياردېرنىڭ بۇ سۆزلىرى گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلغانىدى.
ماسك يەنە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېرنىڭ باش تەپتىش بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە بالىلارنى خورلىغان گۇرۇھلارنى يېتەرلىك جازالىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن، ستارمېر بولسا ماسكنى «يالغان ۋە خاتا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.