خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سۇداندىكى ھۇجۇمدا بالىلارنىمۇ قوشقاندا 40 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «سۇداندىكى دوختۇرخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بالىلارنىمۇ قوشقاندا 40 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى» دېدى.
سۇداندىكى ھۇجۇمدا بالىلارنىمۇ قوشقاندا 40 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى
سۇداندىكى ھۇجۇمدا بالىلارنىمۇ قوشقاندا 40 تىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى / Reuters

غەربىي كوردوفاندىكى ئەل مۇجلاد دوختۇرخانىسىغا شەنبە كۈنى ھۇجۇم قىلىندى، بۇ ھۇجۇم 2023-يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۇدان ئارمىيەسى بىلەن تېز ياردەم قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مەيدانىغا يېقىن بىر رايوندا يۈز بەردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (DSÖ) نىڭ باش دىرېكتورى، ھەپتە ئاخىرىدا سۇداندىكى بىر دوختۇرخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بالىلار ۋە سەھىيە خادىملىرىنىمۇ قوشقاندا 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شەنبە كۈنى ئەل مۇجلاد دوختۇرخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم، 2023-يىلى 4-ئايدا باشلانغان توقۇنۇشلاردىن كېيىن سۇدان ئارمىيەسى بىلەن يېرىم ھەربىي تېز ياردەم قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش مەيدانىغا يېقىن بولغان غەربىي كوردوفان رايونىدا يۈز بەردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش دىرېكتورى تېدروس ئادھانوم گېبرېيېسۇس، سەھىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى ئەمما ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ زادى كىمدە ئىكەنلىكى ھەققىدە بايانات بەرمىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سۇدان ئىشخانىسى، ھۇجۇمدا ئالتە كىچىك بالا ۋە بەش سەھىيە خادىمىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھەمدە رايوننىىڭ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Sudan conflict a 'crisis of humanity': UN mission

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى