غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا 9 بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىك دوختۇر ۋاپات بولدى
دوكتور ھەمدى ئەل نەجار ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئادەم، ئىسرائىلىيەنىڭ خان يۇنىستىكى ئۆيلىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن ئېغىر يارىلانغان ئىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا 9 بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىك دوختۇر ۋاپات بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا 9 بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىك دوختۇر ۋاپات بولدى / Reuters

يەرلىك سەھىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنىس شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا توققۇز بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىك دادا، ئوخشاش ھۇجۇمدا يارىدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مۇدىرى مۇنىر ئابدۇللاھ ئەل بەرش، شەنبە كۈنى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «دوكتور ھەمدى ئەل نەجار، ئايالى دوكتور ئالا ئەل نەجار بىلەن بىرگە خان يۇنىسنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلىرىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، يارىلار سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قازا قىلغان توققۇز بالىسىنىڭ يېنىغا كەتتى» دېدى. ئۇ يەنە، پۈتۈن ئائىلىدىن ماتەم تۇتۈش ئۈچۈن پەقەت بىر ئانا ۋە بىر بالىنىڭلا قالغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خەۋەر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەمدى ئەل نەجار، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ 24-ماي ئۆيلىرىنى بومباردىمان قىلغان ۋاقتىدا ئېغىر يارىلانغان.

پەلەستىنلىك بالىلار دوختۇرى ئالا ئەل نەجار، ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان ناسىر تېببىي مەركىزىدە توققۇز بالىسىنىڭ كۆيۈپ كەتكەن جەسەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەن.

ئىسرائىلىيە ئۆيلىرىنىڭ نىشان قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بالىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھايات قالغان بىردىنبىر بالىسى ئادەم ۋە يولدىشى دوكتور ھەمدى ئەل نەجار بولسا ئېغىر يارىلاغان.

تۇغقانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى تونۇغۇسىز دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئەل نەجار ئائىلىسىنىڭ ئۆيىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

https://trt.global/world/article/839fbc63d3cd

شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا توققۇز بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىك دادا، ئوخشاش ھۇجۇمدا يارىدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باش مۇدىرى مۇنىر ئابدۇللاھ ئەل بەرش، شەنبە كۈنى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «دوكتور ھەمدى ئەل نەجار، ئايالى دوكتور ئالا ئەل نەجار بىلەن بىرگە خان يۇنىسنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆيلىرىنىڭ ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، يارىلار سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىپ قازا قىلغان توققۇز بالىسىنىڭ يېنىغا كەتتى» دېدى. ئۇ يەنە، پۈتۈن ئائىلىدىن ماتەم تۇتۈش ئۈچۈن پەقەت بىر ئانا ۋە بىر بالىنىڭلا قالغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خەۋەر مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھەمدى ئەل نەجار، ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ 24-ماي ئۆيلىرىنى بومباردىمان قىلغان ۋاقتىدا ئېغىر يارىلانغان.

پەلەستىنلىك بالىلار دوختۇرى ئالا ئەل نەجار، ئۆزى خىزمەت قىلىدىغان ناسىر تېببىي مەركىزىدە توققۇز بالىسىنىڭ كۆيۈپ كەتكەن جەسەتلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا چوڭقۇر قايغۇغا چۆمگەن.

ئىسرائىلىيە ئۆيلىرىنىڭ نىشان قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بالىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھايات قالغان بىردىنبىر بالىسى ئادەم ۋە يولدىشى دوكتور ھەمدى ئەل نەجار بولسا ئېغىر يارىلاغان.

تۇغقانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بالىلارنىڭ جەسەتلىرى تونۇغۇسىز دەرىجىدە كۆيۈپ كەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئەل نەجار ئائىلىسىنىڭ ئۆيىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

/https://trt.global/world/article/839fbc63d3cd

ئىسرائىلىيەنىڭ قىرغىنچىلىقى

ئىسرائىلىيە، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى ۋەھشىيانە قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، تەخمىنەن 54 مىڭ 400 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

ياردەم تەشكىلاتلىرى، 2 مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان ياشاۋاتقان بۇ رايوندىكى ئاچارچىلىق خەۋپى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا ئىسرائىلىيە، قورشاۋ ئاستىدىكى رايوننىڭ چوڭ بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ، بارلىق نوپۇسنى دېگۈدەك ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

 

ئۆتكەن نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە، رايوندىكى پۇقرالارغا قارشى سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايىتى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى