پاكىستاندا قويمىچىلىق مەركىزى بىتچىت قىلىندى
پاكىستان فايسالئابادتىكى قويمىچىلىق مەركىزىنىڭ 149 نەپەر ئەزاسى قولغا ئېلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 48 خىتاي پۇقراسى بار.
پاكىستان تور جىنايەتلىرى تەكشۈرۈش ئاگېنتلىقى تىكتوك (TikTok)، يۇتۇب (YouTube) ۋە تېلېگرام (Telegram ) قاتارلىق سۇپىلاردا دۆلەت ھالقىغان ساختا مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىق گۇرۇھىنى بىتچىت قىلدى.
پاكىستان تور جىنايەتلىرى تەكشۈرۈش ئاگېنتلىقى (NCCIA) 10-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، فايسالئابادتىكى تېلېفون چاقىرغۇ مەركىزىنى تەكشۈرۈشتە، 71 دۆلەتتىن كەلگەن 149 قويمىچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسكەرتىلىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي پۇقراسى ئەڭ كۆپ ئىكەن.
«The Express Tribune» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، فايسالئاباد سوتى 69 گۇماندارنى بەش كۈنلۈك قاماق ئۈچۈن پاكىستان تور جىنايەتلىرى تەكشۈرۈش ئاگېنتلىقىغا تاپشۇرغان. قالغان گۇماندارلار 14 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇش ئۈچۈن تۈرمىگە يوللانغان. گۇماندارلار ئۈستىدىن مالىيە ئالدامچىلىقى ۋە قويمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئايرىم-ئايرىم يەتتە دېلو تۇرغۇزۇلغان.
پاكىستان تور جىنايەتلىرى تەكشۈرۈش ئاگېنتلىقى باياناتىدا: «تەكشۈرۈش جەريانىدا، پونزى سىستېمىسى ۋە مەبلەغ سېلىش ئالدامچىلىقىدا قوللىنىلغان تېلېفون چاقىرغۇ مەركىزىي قولغا چۈشۈرۈلدى بۇ ئالدامچىلىق تورى خەلقنى ئالداپ، زور مىقداردا پۇل قانۇنسىز يىغىۋالغان» دېدى.
مەسئۇل دائىرىلەر ئۇلار دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىي بولغان فايسالئاباد شەھىرىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بۇ جىنايەت تورى توغرىسىدا پاش قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
بىراق، فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بەزى مەسئۇللار، تەكشۈرۈشنىڭ فايسالئاباد ئېنېرگىيە شىركىتىنىڭ سابىق باشلىقى تاسھىن ئاۋاننىڭ تۇرالغۇسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، تاھسىننىڭ ھازىرچە قولغا ئېلىنمىغانلىقىنى ئېيتقان.
قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە 78 پاكىستانلىق، 48 خىتاي ھەمدە نىگېرىيە، فىلىپپىن، سىرى لانكا، باڭلادىش، زىمبابۋې ۋە بىرما پۇقرالىرى بار. بۇلارنىڭ 18 نەپىرى ئايال.
ساقچى ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دەسلەپتە تۇنجى مەبلەغ سېلىشىدا ئاز پايدا بېرىلگەن، كېيىنچە كۆپرەك مەبلەغ سېلىشقا كۆندۈرۈلگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: «گۇماندارلار ۋاتساپ گۇرۇپپىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى جەلپ قىلىپ، تىكتوك ۋە يۇتۇب قاناللىرىنىڭ ئابونتى بولۇش، كېيىنكى قەدەمدە كۆپرەك مەبلەغ تەلەپ قىلىدىغان تېلېگرامغا ئابونت بولۇشقا يۈزلەندۈرگەن. «