سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا مەھمۇد ئابباسنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ۋە بىر قىسىم پەلەستىنلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا مەھمۇد ئابباسنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىشى پىلانلانغان مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا كېلەر ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىدە سۆز قىلىشى مۆلچەرلەنگەن پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباسنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.

«ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ بىر ئامېرىكالىق ۋە بىر پەلەستىنلىك ئەمەلدارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابباس ئۇدا ئىككىنچى يىلى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە سىنلىق يىغىن ئارقىلىق خىتاب قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.

ئابباستىن باشقا، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكاغا بېرىشى مۆلچەرلەنگەن پەلەستىنلىك ئەمەلدارلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسلىرىمۇ رەت قىلىنغان.

بىر پەلەستىنلىك ئەمەلدار ئۆزىگە ۋىزا بېرىلمەسلىكىگە «ھەر قانداق ۋاقىتتا تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ياكى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى بولغان كىشىلەرگە ۋىزا بېرىشنى چەكلەيدىغان «212- ماددا (a)(3)(B)»نىڭ سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابباسنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنىڭمۇ ئوخشاش سەۋەب بىلەن رەت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغانلىقى، ئامېرىكاغا بەرگەن ۋەدىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە تىنچلىق ئۈمىدىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى» سەۋەبىدىن پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا بەرمەسلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىراق باياناتتا مەھمۇد ئابباسقا ۋىزا بېرىلمىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تىلغا ئېلىنمىدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى