سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى سىنىماقچى ئىدىم
ترامپ : «يەنە بىر مەسىلە گىرېنلاندىيە، بىز ئۇلارنى تەلەپ قىلغىنىمىزدا ئۇنچە بەكمۇ كۈچەپ كەتمىگەن ئىدۇق. ‹بىزگە قوشۇلالايسىزلەر› دېگىنىمىزدە، ئۇلار ‹ياق› دېدى. ئۇلار بىز بىلەن بىللە تۇرالايدىغان تۇرۇقلۇق تۇرمىدى، بىز يەنىلا ئۇلانىڭ يېنىدا تۇردۇق.»
ترامپ: بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى سىنىماقچى ئىدىم
ئامېرىكا دۆلەت باشلىقى دونالد ترامپ

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، گىرېنلاندىيە ۋە ئىران مەسىلىسى سەۋەبلىك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى ھەمدە ناتونىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىش جەھەتتە «قەتئىي نىيىتى يوق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەگەر رۇتتې بىلەن سۆزلەشكەن بولسا ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختالغان ترامپ: «ياردەمگە ئېھتىياجىمىز يوق ئىدى، مەن پەقەت ئۇلارنى (ناتو ئەزالىرىنى) سىناپ باقماقچى بولدۇم، (بىز بىلەن بىللە تۇرىدىغان-تۇرمايدىغانلىقىنى) كۆرمەكچى ئىدىم» دېدى.

ناتو مەسىلىسىدە ھەممىدىن بەك ئىسپانىيەگە بېسىم قىلغان ترامپ، «ئىنتايىن ناچار شېرىك» دەپ سۈپەتلىگەن ئىسپانىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئۈزۈشكە چاقىردى.

گىرېنلاندىيەنى «چوڭ بىر مەسىلە» دەپ تەسۋىرلىگەن ترامپ: «يەنە بىر مەسىلە بولسا گىرېنلاندىيە، بىز ئۇلارنى تەلەپ قىلغىنىمىزدا ئۇنچە بەكمۇ تەلەپ قىلىپ كەتمىگەن ئىدۇق. ‹بىزگە قوشۇلالايسىزلەر› دېگىنىمىزدە، ئۇلار ‹ياق› دېدى. ئۇلار بىز بىلەن بىللە تۇرالايدىغان تۇرۇقلۇق تۇرمىدى، بىز بولساق يەنىلا ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇردۇق. يېقىنقى مەزگىللەردە بۇ دۆلەتلەرنى رۇسىيەدىن قوغداش ئۈچۈن 1 تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ سەرپ قىلدۇق» دېدى.

ئۇ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھېچقانداق پۇل تۆلىمىگەن مەزگىللەردىمۇ ئامېرىكانىڭ ناتونى يۈز پىرسەنت قوللىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە بىلەن كۆرۈشكىنىمدە، ئۇلار ماڭا: ‹نۆۋەتتە سىلەرگە ياردەم بېرەلمەيمىز، ئەمما ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا ياردەم قىلىمىز› دېدى. بۇ ياخشى ئەمەس. مەن گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇلارمۇ ياردەم قىلىشنى خالىمىدى. ھېچكىم خالىمىدى. كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنى قوغداش ئىقتىدارى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى خالىدى.»

ناتوغا ئىنتايىن غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا كۆپ مىقداردا ماددىي ياردەم قىلغانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ترامپ: «چۈنكى بۇ ناھەقچىلىق. چۈنكى بىز ئۇلارنى قوغداۋاتىمىز، ئەمما ئۇلار بىز بىلەن بىللە تۇرمايۋاتىدۇ. بىراق شۇنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەنكى، ئۇلارنىڭ (ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې) ئاجايىپ قالتىس بىر رەھبىرى بار. ئۇلار ئۇنىڭغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن تەلەيلىك. بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك قىممىتىدۇر» دېدى.

ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئالاقىلەردە ۋاسىتىچى دۆلەتلەرنىڭ ئاقىلانە ھەرىكەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ: «مەن ئەردوغاننى ياخشى كۆرىمەن. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ياخشى كۆرىمەن» دېدى.

نېتانياھۇنىڭ تۈركىيەنى قارىلاش ئۈچۈن قىلغان سۆزلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان ترامپ: «ئۇ تۈنۈگۈن تۈركىيە توغرىسىدا يامان سۆزلەرنى قىلدى. مەن ئەردوغان بىلەن سۆزلەشتىم، ئۇ ئىسرائىلىيەنى، يەنى ‹بىبى›نى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىكەن» دېدى.

ترامپ تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئارمىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە F-35 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى