ئەنگلىيە باش ۋەزىرىى: تۈركىيەنىڭ رولى مۇھىم

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ۋە ناھايىتى تېز ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى، ئەمما تۈركىيەنىڭ رايوندا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرىى: تۈركىيەنىڭ رولى مۇھىم / TRT Uyghur

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر پارلامېنتنىڭ ھەر خىل كومىتېت باشلىقلىرىدىن تەشكىل قىلغان ئالاقە كومىتېتىدا ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسەتكە دائىر سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

سۈرىيەدە 8-دېكابىر كۈنى بەئىس ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ پەرەز قىلالمىغانلىقىنى قەيت قىلغان ستارمېر، بۇ دۆلەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ ناھايىتى تېز ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئەسەدنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى ياخشى ئىش، سۈرىيەدە قۇرۇلىدىغان يېڭى ھاكىمىيەت ئۈچۈن ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا بىر نەرسە دېيىش خاتا بولىدۇ.»

كېير ستارمېر رايون دۆلەتلىرى ۋە دۇنياۋى كۈچلەر بىلەن سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئاساسلىقى قانداق قىلغاندا سۈرىيەنىڭ پارلاق كېلەچىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. دەرۋەقە، ساھەدىكىلەر بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرەلمەيمىن، ئەمما سىلەرگىمۇ ئايان بولغىنىدەك، سۈرىيەدە يېڭى قۇرۇلغۇسى ھاكىمىيەتنىڭ خەلقئارا قانۇنغا بويسۇنىدىغان، كىشىلىك ھوقۇق، پۇقرالار، ئاز سانلىقلار ۋە ئاياللارنى قوغدايدىغان بىر تۈزۈم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.»

ستارمېر ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى رولىغا دائىر باياناتلىرىغا دائىر سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«تۈركىيەنىڭ رولى ئەلۋەتتە مۇھىم. سۆھبەتلىرىمىزدە بۇنىمۇ مۇزاكىرە قىلدۇق. ئەمما سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە تېز ئۆزگىرىشچان، شەخسەن مەن <ھەممە ئىش بىر ئاكتىيورغا ياكى باشقىسىغا باغلىق> دەپ ئېيتالمايمەن. ئاكتىيورلار ناھايىتى تېز ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، تۈركىيە بۇ يەردە مۇھىم بىر ئاكتىيورمۇ؟ شۇنداق، مۇھىم ئاكتىيور.»