خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
قاتار: ترامپنىڭ غەززە پىلانىدا بەزى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بار
قاتار ترامپنىڭ غەززە پىلانىدىكى بەزى مەسىلىلەرنىڭ «ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش»نى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاتار: ترامپنىڭ غەززە پىلانىدا بەزى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر بار
قاتار باش مىنىستىرى: ترامپنىڭ غەززە پىلانىدا «ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش»قا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر بار / Reuters

قاتار باش مىنىستىرى ئال سانى: «تۈنۈگۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىلان پىرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش كېرەك» دېدى.

قاتار باش مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان بىن جاسىم بىن جابىر ئال سانى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ غەززە پىلانىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى «ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش»نىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتتى.

ئۇ دوھادىكى «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان پىلان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇھىم بىر نىشانغا يېتىدۇ، ئەمما ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بەزى مەسىلىلەر بار. بىز ھەممەيلەننىڭ بۇ پىلانغا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

قاتار باش مىنىستىرى دوھانىڭ ھازىرغىچە پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ پىلانغا قاراتقان ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئال سانى پەلەستىن تەرەپنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز ھازىرچە ھاماسنىڭ پىلانغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىنى بىلمەيمىز، شۇنداقلا بۇ ئىنكاس پەلەستىنلىك باشقا گۇرۇپپىلار بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئاساستا بولۇشى كېرەك» دېدى.

شەيخ مۇھەممەد ئال سانى، ۋاسىتىچى دۆلەتلەر قاتار ۋە مىسىرنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ھاماسقا ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ ئۇرۇشنى توختىتىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ: «قاتارنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق دىققەت مەركىزى غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە خاتىمە بېرىش» دېگەندىن كېيىن، دۆلىتىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسىنىڭ «غەززەدىكى ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، ئۆلۈم ۋە كۆچۈشكە خاتىمە بېرىش» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە: «تۈنۈگۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغانلار پىلاننىڭ پىرىنسىپلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ۋە قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

قاتار باش مىنىستىرى، ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز زېمىنىدا قېلىشىنى ۋە ئىككى دۆلەت شەكلىدىكى ھەل قىلىش چارىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئال سانى سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «ھازىرقى باسقۇچ مۇھىم بولۇپ، مۇكەممەل نەتىجە بېرىشى ناتايىن بولغان مۇزاكىرىلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر. ھازىرقى يولنى ئاساس قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالغا كەلتۈرۈش كېرەك».

ئىزدىنىڭ
نىگېرىيەنىڭ پلاتېئو ئۆلكىسىدە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا 9 كىشى قازا قىلدى
كانادادا سىناگوگ ئالدىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا بىر ساقچىنى قوشقاندا، ئىككى كىشى يارىلاندى
جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورېيەنى ئايرىپ تۇرىدىغان رايوندىكى پارتلاشتا  3 ئوفىتسېر يارىلاندى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
ترامپ: پۈتۈن ئىراننى پارتلىتىۋېتەلەيمەن
ھەلەبتىكى ھەربىي رايوندا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا تۆت كىشى يارىلاندى
ترامپ ئۇكرائىنا، ئەنگلىيە ۋە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى