سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى لىۋاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئولتۇراق بىنالارنى ھەمدە ئىككى ئاپتوموبىلنى نىشان قىلدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters
2026-يىلى3-ئاينىڭ5-كۈنى

لىۋان دائىرىلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن لىۋاندا پەيشەنبە ئەتىگەندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىنىڭ كەم دېگەندە 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىككى ئاپتوموبىل ۋە ئولتۇراق بىنالارنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ شەرقىدىكى زاھلە رايونىدا بىر ئاپتوموبىلغا قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى NNA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەگە ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى تىرى ناھىيەسىگە قاراشلىق قەلائىلەھ يېزىسى ئەتراپىدىكى تىرى - ناقۇرا يولىدا بىر ئاپتوموبىلغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان.

ئىسرائىلىيە يەنە تاڭ سەھەردە جەنۇبتىكى نەباتىيە ناھىيەسىگە قاراشلىق كفۇر يېزىسىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان. بومباردىماندا يېزا باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى جەسەتلەرنى خارابىلىك ئاستىدىن چىقىرىش ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت ئىشلىمەكتە ئىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە بىر ھۇجۇمىدا ترابلۇسنىڭ شىمالىدىكى بەدداۋى مۇساپىرلار لاگېرىدا پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) نىڭ بىر ئەزاسى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئائىلىنىڭ قىزلىرىدىن بىرى يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئاگېنتلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەنە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى مارجايۇن رايونىنىڭ كابرىكا يېزىسىنى بومباردىمان قىلغان، بومباردىماندا بىر ئەر، ئۇنىڭ ئايالى ۋە ئوغۇللىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

 ئىسرائىلىيە يەنە تىرېدىكى شابىيە يېزىسىدىكى بىر ئۆينى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، تالاپەت ئەھۋالى ھەققىدە تېخىچە تەپسىلىي مەلۇمات يوق.

لىۋاندىكى ۋەزىيەت دۈشەنبە كۈنى ھىزبۇللاھنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىسرائىلىيە ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى - ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىدا ئىران ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامانېينىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە قايتۇرما ئىنكاس سۈپىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر ھەربىي ئەسلىھەنى راكېتا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن نىشان قىلىشىدىن كېيىن كەسكىنلىشىپ كەتتى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇنىڭغا قارىتا بىر يۈرۈش ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، كەم دېگەندە 72 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، تەخمىنەن 450 كىشىنى يارىلاندۇردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە لىۋاننىڭ جەنۇبىدا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىدى.

ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن 2024-يىلى نويابىردا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلىپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى.

ئىسرائىلىيە لىۋانغا قارىتىلغان ھۇجۇمىنى 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلىغان بولۇپ، 2024-يىلى سېنتەبىردە بۇنى كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلاندۇردى ۋە 4 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە، تەخمىنەن 17 مىڭ كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا يول ئاچتى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»