سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى  ترامپ كاتولىك چېركاۋىنىڭ دۇنياۋى رەھبىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تەنقىد قىلىپ: «مەن ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنى مەسىلە ئەمەس دەپ قارايدىغان پاپانى خالىمايمەن» دېدى.
ئىران-ئامېرىكا ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ تىغ ئۇچىنى 14- لېيونغا قاراتتى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش جىددىيچىلىكى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ پاپا 14-لېيونى نىشان قىلدى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پۈتۈن دۇنيادىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ رەھبىرى پاپا 14-لېيوغا ھۇجۇم قىلىپ، تۇنجى ئامېرىكالىق پاپانىڭ «ئاشقۇن سولچىلارغا يېقىنچىلىق قىلىشنى توختىتىشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ترامپنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ۋە كاتولىك چېركاۋىنىڭ دۇنياۋى رەھبىرى پاپا 14-لېيو ھەققىدە ئېلان قىلغان ھۇجۇم خاراكتېرلىك باياناتى، ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن باشلانغان ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە: «پاپا لېيو جىنايەت مەسىلىسىدە ئاجىز، تاشقى سىياسەت مەسىلىسىدە بولسا بەك ناچار» دەپ ئۇچۇر ئېلان قىلدى. كوپ ئۆتمەي، يەكشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت ئايروپىلانى «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-نومۇرلۇق ئايروپىلانى» بىلەن قونغان ئاندرېۋس قوشما بازىسىدا (Joint Base Andrews) مۇخبىرلارغا: «ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. مەن پاپا لېيونىڭ مەستانىسى ئەمەس، مەن ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولۇشىنى مەسىلە ئەمەس دەپ قارايدىغان پاپانى خالىمايمەن» دېدى.

«ھەممىگە قادىرلىق تۇيغۇسى»

ترامپنىڭ بۇ باياناتى پاپا لېيونىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋاتقان «ھەممىگە قادىرلىق تۇيغۇسى» نى قاتتىق ئەيىبلىشىدىن ۋە سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىنى تەلەپ قىلىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

پاپا ئامېرىكا بىلەن ئىران سەزگۈر ئۇرۇش توختىتىش مۇھىتى ئاستىدا پاكىستاندا يۈزتۇران سۆھبەتنى باشلىغان كۈنى، ئەۋلىيا ساينت پېترۇس باسىلىكا چېركاۋىدا (St. Peter's Basilica) كەچلىك دۇئا مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى.

ئامېرىكادا تۇغۇلغان پاپا دۇئاسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ياكى ترامپنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇسلۇبى ۋە ئۇچۇرى ترامپ بىلەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغاندەك قىلاتتى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى