نىگېرىيەدىكى كاتولىك مەكتىپىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى. 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلدى

ئاگۋارا يەرلىك باشقۇرۇش رايونى، پاپىرى يېزىسىدىكى بىر مەكتەپكە جۈمە كۈنى سەھەردە ئېلىپ بېرىلغان قوراللىق ھۇجۇمدا، كۆپ ساندا ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتچى تۇتۇپ كېتىلدى.

By
نىگېرىيەدىكى كاتولىك مەكتىپىگە قوراللىق ھۇجۇم قىلىندى. 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلدى / AP

نىگېرىيەنىڭ كونتاگورا كاتولىك يېپىسكوپ رايونى، جۈمە كۈنى نىگېر ئىشتاتىدىكى ساينت مارىي ئوتتۇرا مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 303 ئوقۇغۇچىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىلىتانتلار، جۈمە كۈنى سەھەردە ئاگۋارا يەرلىك باشقۇرۇش رايونىغا جايلاشقان پاپىرى يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرىپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە خىزمەتچىنى تۇتۇپ كەتكەن.

كونتاگورا يېپىسكوپ رايونىنىڭ باش يېپىسكوپى بۇلۇس دۇۋا يوھاننا، شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلارنى بېرىپ، جەمئىي 303 ئوقۇغۇچىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يوھاننا، ھۇجۇم جەريانىدا تۆت ئايال ۋە سەككىز ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭمۇ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

نىگېر ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ۋەقەدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋەقەنىڭ رايوندىكى ياتاقلىق مائارىپ پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ھەققىدىكى بۇرۇنقى بىر يوليورۇققا قارىماي، مەكتەپنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز قايتا ئېچىلىشىدىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

بىراق يوھاننا، ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىپى ئىلگىرى سۈرگەندەك نە ھۆكۈمەتتىن، نە خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىدىن ھېچقانداق ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يوھاننا: «بىز مائارىپ كاتىپىدىن بىرەر ئۇقتۇرۇش ئېلىپ-ئالمىغانلىقىنى سورىدۇق، ئۇ ياخشى دېدى؛ بىزگە بىرەر ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىش تەلەپ قىلىنغانمۇ دەپ سورىدۇق، ئۇ يەنە ياخشى دېدى. ئاغزاكى ئۇقتۇرۇش قىلىنغانمۇ دەپ سورىدۇق، ئۇ يەنىلا ياخشى دېدى. ئۇلار دۇنياغا كىمگە بەرگەنلىكىنى ياكى قايسى يول ئارقىلىق ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرسۇن»

«بىز يەنە مەملىكەتلىك خۇسۇسىي مەكتەپلەر جەمئىيىتىدىنمۇ سورىدۇق، ئۇلارمۇ بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار مەكتەپنىڭ تاقىلىپ بىر قانچە كۈن ئىلگىرى قايتا ئېچىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇمۇ توغرا ئەمەس؛ بىز قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان بىر ئورگانمىز» شەكلىدە سۆز قىلدى.

بۇ جەرياندا فېدېراتىپ ھۆكۈمەت مەملىكەت مىقياسىدا 47 دانە ئىتتىپاقلىق ئىنستىتۇتىنى (Unity College) تاقىدى.

مائارىپ مىنىستىرلىقى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپ دىرېكتورى بىشتا ئابدۇلقادىر، دوكتور تۇنجى ئالاۋسانىڭ دۆلەتنىڭ بەزى رايونلىرىدىكى يېقىنقى خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن مەكتەپلەرنىڭ ۋاقىتلىق تاقىلىشىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېيتتى.