تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى قازا قىلغان ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئائىت قارا قۇتىنى تاپتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يەرلىكايا، لىۋىيە ھەربىي ئەمەلدارلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان خۇسۇسىي ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئائىت قارا قۇتىنىڭ تېپىلىشىدىن كېيىن تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
تۈركىيە لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى قازا قىلغان ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئائىت قارا قۇتىنى تاپتى
تۈركىيە لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى قازا قىلغان ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئائىت قارا قۇتىنى تاپتى / AP

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا، تۈركىيەنىڭ سەيشەنبە كۈنى پايتەخت ئەنقەرە ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتكەن ۋە لىۋىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى بىلەن ئايروپىلاندىكى باشقا كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان خۇسۇسىي ئايروپىلاننىڭ خارابىلىكىدىن ئۇچۇش سانلىق مەلۇماتلىرىنى خاتىرىلىگۈچى ۋە ئۇچۇش ئۆيى ئاۋاز خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسىنى چىقارغانلىقىنى جاكارلىدى.

چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن يەرلىكايا، خارابىلىكنىڭ تەخمىنەن ئۈچ كىۋادرات كىلومېتىرلىق بىر دائىرىگە تارقالغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەرلىكايا: «قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرلىقى قاتناش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇندا ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر نەتىجىسىدە، ھاۋا ئاپپاراتىغا ئائىت ئاۋاز خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى سائەت 02:45 تە، قارا قۇتا بولسا سائەت 03:20 دە خارابىلىك مەيدانىدىن تېپىلدى» دېدى.

مىنىستىر بۇ ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەرلىكايا؛ 408 خادىم، 103 قۇرۇقلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ۋە 7 ھاۋا ئاپپاراتى خادىمىنىڭ ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش مەشغۇلاتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن لىۋىيە مۇداپىئە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 كىشىلىك بىر لىۋىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

يەرلىكايا: «(ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى) ئىنچىۆە تەلشۈرىۋاتىمىز. بۇ سانلىق مەلۇماتلار سەۋەبنى ئاشكارىلايدۇ ۋە ئەمەلدارلار ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدۇ» دېدى.

ۋەقەنى «پاجىئەلىك بىر ۋەقە» دەپ تەسۋىرلىگەن مىنىستىر؛ قۇربانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودرومىدىن تىرىپولىغا بېرىش ئۈچۈن ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن Falcon 50 تىپلىق تىجارەت ئايروپىلانىنىڭ خارابىلىكى، ئەنقەرەنىڭ ھايمانا ناھىيەسىگە قاراشلىق كېسىككاۋاق يېزىسىنىڭ تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر جەنۇبىدىن تېپىلدى.

لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى، يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلىرىدىن كېيىن ئۈچ كۈنلۈك مەملىكەتلىك ماتەم ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
يىلدىز: سۈرىيە قىيىنچىلىقلارغا قارىماي توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىمەكتە
ئەردوغان رىياد ئايرودۇرۇمىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قاتتىق ئەيىبلىدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
تۈركىيە بىلەن خىتاي ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىبراھىم قالىن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە: سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەربىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى مۇزاكىرە قىلىندى
CNN: ئىستانبۇل ئايرودورۇمى لوندوننى تەختتىن چۈشۈردى، ئاسمان بوشلۇقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقتا
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئائىلە فېستىۋالىنى زىيارەت قىلدى
21  دۆلەت «ئانتاليا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى» خىتابنامىسىنى ئىمزالىدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى كۈنىگە 1587 قېتىملىق ئۇچۇش بىلەن ياۋروپا بويىچە ئەڭ ئاۋات ئايرودۇرۇم بولدى
ئەردوغان: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «مۇكەممەل بىر ئىنقىلاب ياراتماقتا»
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ مەدىنەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قىلغان ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ئەردوغان: «تېررورلۇقتىن خالىي تۈركىيە» تىرىشچانلىقلىرى رەقىبلەرنى چەكلەش رولىنى ئوينىدى
دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى (MİT) رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنى قولغا چۈشۈردى
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى