سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنى تەنقىد قىلدى
ئىران ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى جىددىدە تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنى تەنقىد قىلدى
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەمىرى شەيخ ئابدۇللا بىن زايىد جىددەگە يېتىپ كەلدى.

ئىراننىڭ ھۇجۇمىدا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىنكاسىنى «ئاجىز» دەپ تەنقىد قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى سەيشەنبە (2026-يىلى 28-ئاپرېل) كۈنى جىددىدە پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى (GCC) نىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى. بۇ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئىككى ئاي ئىلگىرى باشلانغان ئىران ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ئايلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق يۈزتۇرانە ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىغىن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال ئىرانغا قارشى ئۇرۇش قوزغىغاندىن بۇيان، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى دۇچ كەلگەن ئىراننىڭ مىڭلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئۇرۇش جەريانىدا، پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا ئالتە دۆلەتنىڭ ھەممىسىدىكى مۇھىم ئېنېرگىيە ئۇل-ئەسلىھەلىرى زىيانغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر، باشقا ئاممىۋى ئۇل-ئەسلىھەلەر ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىران 8-ئاپرېل (2026) ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغاندىن بۇيان ئۆزئارا ھۇجۇملار پەسەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىم سۆھبىتى تېخى بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئۇرۇشنىڭ يەنە قايتا باشلىنىشىدىن يەنىلا ئەنسىرەپ تۇرماقتا.

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى قاتار ئەمىرى، كۇۋەيت تەخت ۋارىسى ۋە بەھرەين پادىشاھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

كېڭەشنىڭ باش شىتابى جايلاشقان سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن باشقا، ئوممان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن كىمنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

« ئىنكاس ئاجىز»

 

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىپارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنى تەنقىد قىلدى. ئەرەب ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى كېڭەشنى ئۇرۇشقا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئەنۋەر گارگاش دۈشەنبە (27-ئاپرېل) كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا: «پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەشيا ئوبوروتى جەھەتتە بىر-بىرىنى قوللىغانلىقى راسىت، ئەمما سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تۇتقان مەيدانى تارىختىكى ئەڭ ئاجىز مەيدان بولدى دەپ ئويلايمەن» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى: «مەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن مۇشۇنداق ئاجىز مەيداننى كۈتكەن ئىدىم،

بۇنىڭدىن ھەيران قالمىدىم، ئەمما پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىدىن بۇنى كۈتمىگەن ئىدىم، بۇنىڭغا ھەيران قالدىم.»

بۇ تەنقىدلەر، ئىراننىڭ مىڭلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇ ھۇجۇملىرى ئالتە ئەزا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاممىۋى ئۇل- ئەسلىھەلىرىگە زىيان سالغاندىن بۇيان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ كېڭەشنىڭ كوللېكتىپ سىياسىي ۋە ھەربىي ئىنكاسىدىن كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان نارازىلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - GCC chief warns of 'disaster' for world if Iran war continues, urges dialogue
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ