ئوچېرىك
4 مىنۇت ئوقۇش
ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ھۆججەتلىك فىلىم ۋاشىنگتوندا قويۇلدى
«‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «زەيتۇن دەرىخىنىڭ ئاستىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە بىر يىل بولغان ئەيگىنىڭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ تونۇشتۇرۇلىدۇ.
ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ھۆججەتلىك فىلىم ۋاشىنگتوندا قويۇلدى
/ AA
2025-يىلى9-ئاينىڭ18-كۈنى

ئامېرىكالىق تۈرك پائالىيەتچى ئايشەنۇر ئەزگى ئەيگىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم چارشەنبە كۈنى كەچتە ۋاشىنگتوندا قويۇلدى. ئەيگى ئالدىنقى يىلى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىش جەريانىدا بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

«زەيتۇن دەرىخىنىڭ ئاستىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم زۈمرەت سۆنمەزنىڭ رەھبەرلىكىدە «‹TRT World› تېلېۋىزىيە قانىلى» تەرىپىدىن تەييارلاندى. ھۆججەتلىك فىلىم  Busboys and Poets  تا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەيگىنىڭ سىڭلىسى ئۆزدەن بېننېت، يولدىشى ھامىد ئەلى، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگۈچى گۇرۇپپا، پەلەستىنلىك پائالىيەتچىلەر ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بىلەن يەرلىك كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكالىقلارنىڭ ئائىلىلىرى قاتناشقان بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ۋاشىنگتون ئىشتاتىلىق 26 ياشلىق ئامېرىكالىق تۈرك پائالىيەتچى ئەيگى، 2024-يىلى 6-سېنتەبىر كۈنى ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ بېيتا يېزىسىدا قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان ۋاقتىدا، بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى تەرىپىدىن بېشىغا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. ئەيگىنىڭ ئۆلۈمى جاۋابكارلارنىڭ جازالىنىشى ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشى چاقىرىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۈرتكە بولدى. لېكىن ۋاشىنگتون ھازىرغا قەدەر تەكشۈرۈشنى ئىسرائىلىيەگە قالدۇردى.

بېننېت ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ئەيگىنىڭ ھاياتى ۋە پىرىنسىپلىرىنى سادىق ھالدا ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ھۆججەتلىك فىلىمدە ئايشەنۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكى، قانداق بىر ئىنسانغا ئايلانغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ۋەقەلەر ئوتۇرىغا قويۇلىدۇ.

بۇ، تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋە ئايشەنۇرنىڭ ھېكايىسىنى بىلمەيدىغان بىرى ئۈچۈن ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق ھۆججەتلىك فىلىم ھېسابلىنىدۇ.»

بېننېت سەيشەنبە كۈنى Capitol Hill دا ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ياكى كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئامېرىكالىقلارنىڭ ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغىمۇ قاتناشتى. ئەيگىنىڭ سىڭلىسى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە ناھايىتى ئاز ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېننېت مۇنداق دېدى:

«ئۇلارنىڭ ھەممىسى قىزغىن قوللايدىغان بولسىمۇ، لېكىن نېمىلەرنى زورلاپ قىلالايدىغانلىقى ۋە قولىدىغان كېلىدىغان ئىشلار توغرىسىدا چەكلىمىلەر بارلىقىنى ھېس قىلىمىز.

ئۇلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا خەت يازدى... لېكىن ئۇلار تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش تەلىپىگە جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.»

ئەيگىنىڭ قېرىندىشى ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە ئائىلىنىڭ ھەم ماتەم تۇتۇش ھەم ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تولىمۇ ئەپسۇسكى، سىڭلىمنىڭ ئۆلۈمىدىن بۇيان غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن باشقا نۇرغۇن ئامېرىكا پۇقرالىرىمۇ  ئۆلتۈرۈلدى. ھالبۇكى بۇنداق بولۇشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.»

 «ئۇ، ئادالەتكە ئىنتايىن ساداقەتمەن ئىدى»

يولدىشى ھامىد ئەلىمۇ ئەيگىنىڭ روھى ۋە ئادالەت تۇيغۇسى توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ھامىد ئەلى بىر ئائىلە ساياھىتى جەريانىدا ئەيگىنىڭ تاغ باغرىدا كۈلۈپ، بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقان ئانىسىغا چاقچاق قىلغان بىر ئەسلىمىسىنى ئورتاقلىشىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇنى ئەڭ ياخشى مۇشۇنداق تەسۋىرلەپ بېرەلەيمەن. ئۇ، خۇشخۇي، چاقچاقچى بىرى ئىدى، ئادالەتكە جان-دىلى بىلەن ساداقەتمەن ئىدى... ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۆزىگە ئادىل بولۇش ئۈچۈن باشقىلار ئۈچۈنمۇ ئادالەتنى قوللىشى كېرەك ئىدى.»

گۇۋاھلىق سۈپىتىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ زىيارەتچى ئىشلىگۈچىسى گۈلاي قاپلان، فىلىمنىڭ ئەيگىنىڭ ھېكايىسىنى تارىخقا خاتىرىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

قاپلان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە مۇنداق دېدى:

: «ئايشەنۇرنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىش ۋە بۇنى تارىخ ئۈچۈن توغرا ھالدا خاتىرىلەشنى خالىدۇق.

ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، ئايشەنۇرنىڭ بۇ قىسمەتكە دۇچ كەلگەن تۇنجى كىشى ئەمەسلىكىنى ۋە ئەپسۇسكى ئاخىرقىسىمۇ بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالىدۇق. ئۇنىڭ ئادالەت يولىدا ئىزدىنىشىگە — ۋە بۇ ئارقىلىق بارلىق پەلەستىنلىكلەر ۋە ھاياتىنى پىدا قىلغان بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن — گۇۋاھلىق بېرىش بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىدى.»

پائالىيەتچى مەھمۇد خېلىل مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى

پەلەستىنلىك پائالىيەتچى ۋە كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن مەھمۇد خېلىل بۇ يىل مارت ئېيىدا ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئورگانلىرى تەرىپىدىن پەلەستىننى قوللايدىغان مەكتەپ قورۇسى پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇ ئىيۇن ئېيىدا كاپالەت پۇلى بىلەن قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، لۇئىسانادىكى بىر كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا نازارەت ئىدارىسى (ICE) مەركىزىدە نەچچە ئاي تۇتۇپ تۇرۇلدى.

خېلىل مۇنداق دېدى:

«بۇ ھۆكۈمەت ۋە ئىلگىرىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەر بۇ جىنايەتلەرنىڭ سادىر قىلىنىشى ۋە يوشۇرۇلۇشىدا جىنايەتچى ئىدى.

ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ئۆزگەرتىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ دەل مۇشۇ... ئۇلارنىڭ قىلغان پىداكارلىقلىرىنىڭ بىكارغا كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

پائالىيەت جەريانىدا بېننېت، 2003-يىلى غەززەدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىشقا ئۇرۇنغان بىر ئىسرائىلىيە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى توختىتىشقا تىرىشىۋاتقاندا ئۆلتۈرۈلگەن راچېل كوررىينىڭ ئاتا-ئانىسى كرەيگ ۋە سىندى كوررىيەلەرنىمۇ سەھنىگە تەكلىپ قىلدى.

ئەيگىنىڭ سىڭلىسى پەلەستىنلىك-ئامېرىكالىق قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ سەھنىگە چاقىردى. 2024-يىلى يانۋاردا غەربىي قىرغاقتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تەۋفىق ئاجاقنىڭ دادىسى ھافىز ئاجاق، ئىيۇل ئېيىدا ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن سەيفۇللاھ «سەيف» مۇسەللەتنىڭ دادىسى كامىل مۇسەللەت ۋە ھازىر ئىسرائىلىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 16 ياشلىق پەلەستىنلىك-ئامېرىكالىق مۇھەممەد ئىبراھىمنىڭ تاغىسى زىياد كادۇر سەھنىدىكىلەر ئارىسىدا ئىدى.

مۇھاكىمە يىغىنىغا، ئەيگى ئائىلىسىنىڭ ئادالەت ئىزدىنىشىنى قوللايدىغان قانۇن ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى ۋە ئاساسىي قانۇن مەركىزىنىڭ سىياسەت ئىشلىرى مۇئاۋىن دېرىكتورى براد پاركېر رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئىزدىنىڭ
پەلەستىن باش مىنىستىرى ھۆكۈمىتىنىڭ غەززەدە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ۋيېتنامدا «بۇيالوي» تەيفېڭ بورىنىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە
ۋېيتنامدا «بۇۋالوي» ناملىق تەيفېڭ بورىنى 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان «سۇمۇد» ياردەم فىلوتى مىسىرنىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېقىنلاشماقتا
ئىران ياۋروپاغا تەھدىت سالدى
ئەردوغان: ب د ت نىڭ پەلەستىننى قوللىشى مۇھىم، ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت «مۇۋەپپەقىيەتلىك» بولدى
ياردەم ئەترىتى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىگە قارىماي غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا
دانىيە ئايرودۇرۇمى گۇمانلىق ئۇچقۇلار سەۋەبىدىن يەنە تاقالدى
ئىسرائىلىيەنىڭ «بىخەتەر رايونى» غەززەدىكى بىر مىليون پەلەستىنلىكنى سۇدىن مەھرۇم قىلدى
غەرب ئەللىرى ئىسرائىلىيەنى غەززەدە ساقلىقنى ساقلاش كارىدورى ئېچىشقا چاقىردى
ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىدا پەلەستىن مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى
ئەرەب دۆلەتلىرى بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ پەلەستىننى ئېتىراپ قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى
400 دىن ئارتۇق سەنئەتچى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىسرائىلىيەنى  بايقۇت قىلىشقا چاقىردى
سەئۇدى ئەرەبىستان مۇتەخەسسىسلىرى ۋە تاراتقۇلىرى ئىسلامئاباد - رىياد مۇداپىئە كېلىشىمىنى ماختىدى
خاقان فىدان: ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرىگە كۆپ تەسىرى يوق
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى