كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ت ر ت ئىخلاسمەنلىرى. بۈگۈن 24-دېكابىر سەيشەنبە. كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر پىروگراممىزغا خۇش كەلدىڭلار.... بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:
00:00
كۈندىلىك قىسقا خەۋەرلەر
تېزلىك يۇقىرى خەۋەر / TRT Uyghur

1- ب د ت: «غەززە ئىنسانىي ياردەم ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك جاي» دېدى

ب د ت غەززىنى ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك رايون دەپ تەرىپلىدى. توم فلېتچېر كرىزىسلارنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە جىددىي ياردەم ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى: «بۇ يىل ئىنسانىي ياردەم خادىملىرى ئۈچۈن رېكورت دەرىجىدە ئەجەللىك يىل بولدى، غەززە خەتەرلىك جايلار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىدا تۇرىدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى 445-كۈنىگە كىرگەن بولۇپ، ئاز دېگەندە 45 مىڭ 317 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە 107 مىڭ 713 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.

2- ئىسرائىلىيە ھاماس رەھبىرى ھەنىيەنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز ئىلگىرىكى ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىيەگە ئىيۇل ئېيىدا تېھراندا قىلىنغان سۇيىقەست توغرىسىدا بايانات بەردى.

كاتز يەمەندىكى خۇسىيلارنىڭ رەھبەرلىرىنى ئوخشاش كەسكىنلىك بىلەن نىشانغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلگىرى غەززە ۋە لىۋاندا مۇھىم شەخسلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەسلەتتى. بۇ باياناتى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەنىيەنى ئۆلتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ئاشكارا باياناتى سۈپىتىدە دىققەتلەرنى تارتتى.

 

3- ماڭگىئونې ئامېرىكىلىق باش ئىجرائىيە دىرېكتورىنى ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ساغلاملىقنى قوغداش بىرلەشمىسى باشقۇرغۇچىسىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن لۇئىجى ماڭگىئونې «تېررورىست» ۋە قاتىللىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەيىبلەشلەرگە قارىتا «گۇناھسىز» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوت زالى لىق تولغان بولۇپ، ماڭگىئونې كويزا ۋە زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا زالغا كىردى. ئادۋوكاتى ئاممىۋى ئاخباراتلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ماڭگىئونېگە بېرىلگەن جامائەت قوللىشى سەۋەبىدىن ئادىل سوت قىلىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سوت بىناسى سىرتىدا توپلانغان نامايىشچىلار ھەرىكەتلىرى بىلەن ماڭگىئونېمى قوللىدى ۋە سەھىيە سىستېمىسىغا قارشى غەزەپلىرىنى بىلدۈردى.

ماڭگىئونېنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا تارتىلىدۇ. كېيىنكى سوت 21-فېۋرالدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.

 

4- گرېنلاندىيە ترامپنىڭ ئارالنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنى رەت قىلدى

گرېنلاندىيە باش مىنىستىرى مۇتې ئېگېدې ئامېرىكانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئاركتىكا ئارىلىغا قاراتقان يېڭىلانغان قىزىقىشىغا قارىتا «بىز سېتىلمايمىز» دېدى.

دانىيە ئۆكتىچىلىرى ئوچۇق قارشىلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلغان بولۇپ، گرېنلاندىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى ۋە بايلىق مەنبەلىرى دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ترامپنىڭ ئالدىنقى تەكلىپى «بىمەنە» دەپ رەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ گېئوپولىتىكىلىق كەسكىنلىكنى قايتا ئەۋجىگە چىقاردى.

5- ياپونىيەدە ھوندا ۋە نىسسان شىركىتى بىرلىشىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلىرىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى

ياپونىيە ئاپتوموبىل ماگىناتى ھوندا ۋە نىسسان شىركىتى دۇنيانىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىسىنى شەكىللەندۈرۈش نىشانى بىلەن بىرلىشىش قارارى ئالدى.

بۇ قارار سانائەتنىڭ ئېلېكتر ئاپتوموبىللارغا يۈزلەنگەن چوڭ ئۆزگىرىش مەزگىلىگە توغرا كەلدى.

تەكلىپ قىلىنغان بىرلىشىش شىركەتلەرنىڭ ئورتاق بىر باشقۇرۇش شىركىتى قۇرۇشىنى كۆزدە تۇتىدۇ؛ دەسلەپتە باشقۇرۇش رەھبەرلىكىنى ھوندا ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئەمما بۇ بىرلىشىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھەر ئىككى شىركەتنىڭ بازار قىيىنچىلىقلىرىنى يېڭىش ۋە مەشغۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىغا باغلىق بولىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى