خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
بۇ تۆۋەنلەش، دۆلەت مىقىياسىدىكى ئاممىۋى سەھىيە سىياسەتلىرىنىڭ ۋە ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي ئادەتلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تۆھپە قوشقانلىقىغا ۋە بىر قانچە ئون يىللىق مۇقىم تۆۋەنلەش مۇساپىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى / AP

شۋېتسىيە رادىيوسىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، شۋېتسىيە دائىملىق تاماكا چەككۈچى نوپۇس نىسبىتىنى يۈزدە 5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈرۈش نىشانىغا يېتىپ، ئەمەلىيەتتە «تاماكىسىز» دۆلەتكە ئايلانغان.

شۋېتسىيە ھاراق ۋە باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئۇچۇر كومىتېتى، دۆلەتنىڭ 2025-يىللىق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاممىۋى سەھىيە نىشانىغا يەتكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى.

كومىتېت، 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا شۋېتسىيەلىكلەرنىڭ يۈزدە 30 دىن ئارتۇق قىسمىنىڭ ھەر كۈنى تاماكا چەككەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تاماكا ئىشلىتىشتىكى تۆۋەنلەش، ئاممىۋى سەھىيە سىياسەتلىرى ۋە ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائىي ئادەتلەرنىڭ تۆھپىسى بىلەن بىر قانچە ئون يىلغا يېيىلغان مۇقىم ئارقىغا چېكىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

خەۋەردە دەموگرافىيەلىك پەرقلەرگىمۇ دىققەت تارتىلغان بولۇپ، 50-84 ياش ئارىلىقىدىكى ئاياللارنىڭ تەخمىنەن %6 لىك نىسبەت بىلەن كۈندىلىك تاماكا چەككۈچى ئەڭ چوڭ گۇرۇپپا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېڭى نىكوتىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنىڭ بولسا ئاخىرقى يىللاردا شىددەتلىك شەكىلدە ئاشقانلىقى، بىر نىكوتىن مەھسۇلاتى بولغان ئاق سنۇسنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ 2021-2024-يىللار ئارىسىدا يۈزدە 180، ئېلېكترونلۇق تاماكا ئىشلىتىش نىسبىتىنىڭ بولسا ئوخشاش مەزگىلدە يۈزدە 640 يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

تەتقىقاتچىلار، تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىنىڭ ياخشى بىلىنىدىغانلىقىنى، ئەمما يېڭى نىكوتىن مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈردى. بەزى تەتقىقاتلارنىڭ بولسا ئېلېكترونلۇق تاماكا ئىشلىتىشنىڭ بەزى ئۆپكە كېسەللىكلىرى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - What we know about the worldwide decline in tobacco use
ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ