تەنتەربىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ئەرلەر كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
گېرمانىيە تۈركىيەنى 83 كە قارشى 88 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (FIBA) ياۋروپا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
ياۋروپا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ئەرلەر كوماندىسى كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى
تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىدىن ئالپەرەن شەنگۈن 28 نومۇر بىلەن مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان توپچى بولدى. / AA

تۈركىيە ئەرلەر دۆلەت ۋاسكېتبول كوماندىسى 2025-يىللىق ياۋروپا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھاياجانلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن كۈمۈش مېدالغا ئېرىشتى.

گېرمانىيە يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەنى 83 كە قارشى 88 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (FIBA)  ياۋروپا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

رىگا تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ھاياجانلىق مۇسابىقىدە، ھەر ئىككى دۆلەت كوماندىسى يېڭىلمەستىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بولۇپ، تۈركىيە دۆلەت كوماندىسىدىن ئالپەرەن شەنگۈن 28 نومۇر بىلەن مۇسابىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان توپچى بولدى.

بىرىنچى چارەك 22 گە قارشى 24 نەتىجە بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۈستۈنلىكىدە ئاخىرلاشقان بولسا، تۈركىيە ئىككىنچى چارەكتە 16 گە قارشى24 لىك ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۈچلۈك جاۋاب قايتۇردى.

بىرىنچى يېرىم مەيداننى 40 كە قارشى 46 نەتىجە بىلەن ئالدىدا تاماملىغان تۈركىيە دۆلەت كوماندىسى بۇ ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ، مۇسابىقىنى كونترول قىلدى.

لېكىن، گېرمانىيە ئۈچىنچى چارەكتە 21 گە قارشى 26 لىك نەتىجە بىلەن قايتىدىن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.

گېرمانىيە كوماندىسىدىن دەننىس شرودېر 16 نومۇر ئېلىپ، 12 قېتىم ياردەمچى پاس بېرىش ئارقىلىق قوش خانىلىق نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئىسھاق بونگا 20 نومۇر، فرانز ۋاگنېر 18 نومۇر ۋە سەككىز رېبائۇنت توپ بىلەن غەلىبىگە زور تۆھپە قوشتى.

تۈركىيە كوماندىسىدىن جەدى ئوسمان 23 نومۇر، شەين لاركىن 13 نومۇر، ئالتە رېبائۇنت توپ ۋە توققۇز ياردەمچى پاس بەردى.

ئادەم بونا بولسا دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن 12 نومۇر ئالدى.

خەلقئارا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى (FIBA) ياۋروپا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى تارىخىدا گېرمانىيە پەقەت ئىككىنچى قېتىم چېمپىيون بولدى.

گېرمانىيە ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى 1993-يىلى چېمپىيون بولۇش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن بولسا، تۈركىيە ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى 2001-يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش ئارقىلىق ياراتتى.

گىرېتسىيە يەكشەنبە كۈنى ئوينالغان يەنە بىر مۇسابىقىدە فىنلاندىيەنى 89 گە قارشى 92 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، مىس مېدالغا ئېرىشتى.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ