تۈركىيە
1 min read
ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئادىل ھەل قىلىنىشىغا باغلىق
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ئادىل ھەل قىلىنمىغۇچە ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق  ئورنىتىش پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئادىل ھەل قىلىنىشىغا باغلىق
ئەردوغان / others

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، «خەلقئارا پەلەستىن بىلەن ھەمنەپەس بولۇش كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

ئەردوغان باياناتىدا، بېسىم، ئىشغالىيەت، زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەقلىق كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى ئۆز نامىدىن ۋە تۈركىيە خەلقى نامىدىن ئەڭ كۈچلۈك تۇيغۇلار بىلەن ئىپادىلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 50 مىڭ مەسۇم پەلەستىنلىك شېھىت بولغان غەززەگە ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يېتەرلىك، بىخەتەر، داۋاملىق يەتكۈزۈلۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بولۇش سۈپىتىدە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزغا بۈگۈنگىچە 86 مىڭ توننا ئىنسانىي ياردەم ئەۋەتتۇق. قىش پەسلى كېلىشتىن بۇرۇن رايوندىكى مەزلۇملارغا قارىتىلغان ياردەملىرىمىزنى ئاشۇرۇپ داۋاملاشتۇرماقتىمىز. غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزگەنلەر خەلقئارالىق قانۇن - بەلگىلىمىلەر دائىرىسىدە جازالىنىشى كېرەك.

پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ئادىل ھەل قىلىنمىغۇچە، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشى مۇمكىن ئەمەس.

 خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، 1967-يىلدىكى چېگرا لىنىيەلىرى ئىچىدە پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىگە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى رايوندا ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.»

ئەردوغان يەنە تۈركىيەنىڭ ئادىل ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ھەمدە كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى، مەزلۇم پەلەستىن خەلقى ۋە ھەقلىق كۈرىشىنى تۇنجى كۈندىن باشلاپ قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا قوللاش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق