خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: «گېرمانىيە بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى»
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، گېرمانىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ بون شەھىرىدىكى باش كونسۇلخانىسىنى تاقاش قارارىنىڭ «يىرگىنچلىك» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى» دېدى.
رۇسىيە: «گېرمانىيە بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى»
رۇسىيە: «گېرمانىيە بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى»

لاۋروۋ پايتەخت موسكۋادا، موسكۋا دۆلەتلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

يىغىندا سۆز قىلغان لاۋروۋ، گېرمانىيەنىڭ رۇسىيەنىڭ بوندىكى باش كونسۇلخانىسىنى تاقاش قارارى توغرىسىدا توختىلىپ: «بۇ، نېمىسلار ئالغان يىرگىنچلىك بىر قارار. بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى» دېدى.

لاۋروۋ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ: «ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلار، ياۋروپادا ناتسىزىمغا ئورۇن قالدۇرمايدىغان شەكىلدە ئاخىرلىشىشى كېرەك. ئەگەر ئۇكرائىنادا ھازىرقى تۈزۈمنىڭ ھاكىمىيەتتە قېلىشىغا يول قويىدىغان بولساق، 1945-يىلى ناتسىزىمنى يەڭگەنلەرگە ئاسىيلىق قىلغان بولىمىز» دېدى.

لاۋروۋ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۆتمۈشتە ۋە ھازىر بىزنى ئالدىغان غەربكە ھېچقاچان ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىراننىڭ ۋەزىيىتى

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى كېڭىشىشلەرگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ: «ئىراننىڭمۇ پارس قولتۇقى رايونىدىكى بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈشى، رايوندا مۇقىملىقنى ئورنىتىش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر قەدەم بولىدۇ» دېدى.

مىنىستىر لاۋروۋ ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن شىمال-جەنۇب قاتناش كارىدورى تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاستىلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئەمما بۇ تۈر يەنىلا پىلانلىرىمىز ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇ چوقۇم ئەمەلىيلىشىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى