تېكساستىكى ۋالېرو نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ بىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتىن كېيىن زور كۆلەملىك ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقتى.

By
تېكساستىكى ۋالېرو نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى / AP

 يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېكساس ئىشتاتىنىڭ پورت ئارتۇر شەھىرىدىكى ۋالېرو نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن، ئارقىدىنلا چوڭ ئوت ئاپىتى كېلىپ چىققان.

نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمىتى سەۋەبىدىن، پورت ئارتۇرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاھالىلەرگە ئۆيلىرىدىن چىقماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن.

پارتلاشتىن كېيىن ئاسمانغا قويۇق قارا تۈتەك ۋە ئوت يالقۇنلىرى ئۆرلىگەن. كۆرۈنۈشلەردە نەق مەيداندا زور كۆلەملىك ئوت ئاپىتىنىڭ بارلىقى كۆرۈلىدۇ.

مەزكۇر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى كۈنىگە 335 مىڭ ۋارىلدىن ئارتۇق نېفىت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

نەق مەيدانغا جىددىي ياردەم بېرىش خادىملىرى ئەۋەتىلدى، ھازىرغىچە ھېچقانداق يارىلىنىش ئەھۋالى مەلۇم قىلىنمىدى.