سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ھورمۇز بوغۇزى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟
ئىران ئىلگىرى ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاش توغرىسىدا تەھدىت سالغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا سودا ۋە نېفىت باھاسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان بۇ ھەرىكەتنى ئەزەلدىن قىلىپ باقمىدى.
ھورمۇز بوغۇزى نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟
ھورمۇز بوغۇزى. سۈرەت: ت ر ت خەۋەر / TRT Haber

ئىران تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يەكشەنبە كۈنى (2025-يىلى 22-ئىيۇن) ئىران يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاش ياكى تاقىماسلىق توغرىسىدا ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ھورمۇز بوغۇزى

ھورمۇز بوغۇزى ئومان بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، شىمالدىكى دېڭىز قولتۇقى جەنۇبتىكى ئومان قولتۇقى ۋە يېنىدىكى ئەرەب دېڭىزى بىلەن تۇتىشىدۇ.

ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئەڭ تار نۇقتىسىنىڭ كەڭلىكى 33 كىلومېتىر (21 مىل) كېلىدىغان بولۇپ، پاراخوت ئۆتۈش يولىنىڭ ئىككى يۆنىلىشتىكى كەڭلىكى ئۈچ كىلومېتىر (ئىككى مىل) كېلىدۇ.

ھورمۇز بوغۇزى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

 

دۇنيادىكى ئومۇمىي نېفىت ئىستېمالىنىڭ بەشتىن بىرى بۇ بوغۇزدىن ئۆتىدۇ.

ئانالىز شىركىتى «Vortexa» نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2022-يىلىنىڭ بېشىدىن ئالدىنقى ئاي (2025-يىلى ماي) غىچە بولغان ئارىلىقتا، ھەر كۈنى 17 مىليون 800 مىڭدىن 20 مىليون 800 مىڭ ۋارىل خام نېفىت، قويۇق ۋە سۇيۇق يېقىلغۇ بۇ بوغۇزدىن ئۆتكەن.

ئوپېك (OPEC) ئەزالىرى سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، كۈۋەيت ۋە ئىراق خام نېفىتىنىڭ كۆپ قىسمىنىö ئاساسلىقى ئاسىياغا بۇ بوغۇز ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بوغۇزدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن باشقا يوللارنى ئىزدەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئېنېرگىيە ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇلتۇر 6-ئايدىكى باياناتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تۇرۇبا لىنىيەسىدىن كۈنىگە تەخمىنەن 2 مىليون 600 مىڭ ۋارىل نېفىت ھورمۇزنى ئايلىنىپ ئۆتۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) ئېكسپورت قىلغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان قاتار، تەبىئىي گازىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بۇ بوغۇزدىن ئۆتكۈزىدۇ.

بەھرەينگە جايلاشقان ئامېرىكانىڭ 5- فىلوتى بۇ رايوننىڭ سودا- تىرانسپورتىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

تارىخىي يىرىكچىلىكلەر

1973-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئەرەب نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر مىسىر-ئىسىرائىلىيە ئۇرۇشىدا، ئىسرائىلىيەنى قوللىغان غەرب دۆلەتلىرىگە نېفىت ئېمبارگوسى يۈزگۈزدى.

غەرب دۆلەتلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىشلەپچىقارغان خام نېفىتنىڭ ئاساسلىق سېتىۋالغۇچىسى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئاساسلىقى ئاسىيا نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ خام نېفىتىنى سېتىۋالىدۇ.

ئامېرىكا يېقىنقى 20 يىلدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئىككى ھەسسىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتتىن ئەڭ چوڭ ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

1980-1988-يىللىرى ئىران-ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ نېفىت ئېكسپورتىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن، بۇ مەزگىل «نېفىت باكى ئۇرۇش مەزگىلى» دەپ ئاتالغان.

1988-يىلى 7-ئايدا، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتى ئىراننىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولۇپ، پاراخوتتىكى 290 كىشىنىڭ ھەممىسى جېنىدىن ئايرىلغان. ۋاشىنگتون بۇ ۋەقەنى بىر قېتىملىق «ھادىسە» دەپ ئېلان قىلغان. تېھران بولسا، «قەستەنلىك بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم» دەپ ئاتىغان.

2012-يىلى يانۋاردا، ئىران ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ جازاسىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بوغۇزنى قامال قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان.

2019-يىلى مايدا، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ سىرتىدا، يەنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دېڭىز قىرغىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىككى نېفىت پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

ئىران 2023-يىلى ئىككى پاراخوتنى، 2024-يىلى بىر پاراخوتنى ھورمۇز بوغۇزىدا تۇتۇپ قالغان. بۇ ۋەقەلەر ئامېرىكانىڭ ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك نېفىت پاراخوتلىرىنى تۇتۇپ قېلىشى بىلەن پاراللېل ھالدا يۈز بەرگەن.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ترابزونسپور كوماندىسىنى تەبرىكلىدى
خىتايدا بىر كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 82 خىتاي ئۆلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكا-ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش مۇزاكىرىلىرىنى داۋاملاشتۇردى
رۇبىيو ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەردە «كىچىك بىر ئىلگىرىلەش» بارلىقىنى ئېيتتى
ئەردوغان: «تۈركىيەنى ياۋروپانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ئېنېرگىيە مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى
ئىرلاندىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن سودا قىلماسلىقى لازىم
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
ئامېرىكا ئۇكرائىناغا 108 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سېتىپ بېرىدۇ
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دىرئە ئەتراپىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى بومباردىمان قىلدى
دۇران: تۈرك تائاملىرى بىزنىڭ كۈچلۈك مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز
ئەردوغان تۈركىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك