خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
«شەپىسىز قىرغىنچىلىق»: ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى سەۋەبلىك غەززەدە 86 پەلەستىنلىك ئاچلىقتىن قازا قىلدى
سەھىيە مىنىستىرلىقى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە كەم دېگەندە 18 كىشىنىڭ ئاچارچىلىقتىن قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، غەززە چېگرا ئېغىزلىرىنى دەرھال قايتا ئېچىشقا چاقىردى.
«شەپىسىز قىرغىنچىلىق»: ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى سەۋەبلىك غەززەدە 86 پەلەستىنلىك ئاچلىقتىن قازا قىلدى
/ AA

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كىرىشىنى توسۇشى سەۋەبلىك، 76 نەپىرى بالا بولۇپ، جەمئىي 86 پەلەستىنلىكنىڭ ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق يەكشەنبە كۈنى يازما بايانات بېرىپ: «غەززەدە ئاچارچىلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن 76 نەپىرى بالا بولۇپ، جەمئىي 86 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

قورشاۋغا ئېلىنغان رايوندىكى ئىنسانىي كىرىزىس «ساداسىز قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتالغان باياناتتا،  ئىنسانىي شارائىتنىڭ ناچارلىشىشىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن خەلقئارا جەمئىيەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

مىنىستىرلىق، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەدە كەم دېگەندە 18 كىشىنىڭ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-دەرمەك كىرگۈزۈشكە رۇخسەت قىلىش مەقسىتىدە چېگرا ئېغىزلىرىنى دەرھال قايتا ئېچىشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيە 2-مارتتىن بۇيان غەززە بىلەن بولغان بارلىق چېگرا ئېغىزلىرىنى تاقىۋېتىپ، رايون ئاھالىسىنىڭ ئىنسانىي ياردەمگە ئېرىشىشنى توسۇپ كەلمەكتە؛ بۇ ئەھۋال ئاچارچىلىقنىڭ يېيىلىشىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكتە.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

ئىسرائىلىيە قورشاۋغا ئالغان غەززەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرى بىلەن كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 59 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «WAFA» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتىنىڭ ھازىرغىچە كۆمۈلۈپ ياتماقتا ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر غەززەدىكى مەسئۇللارنىڭ دوكلات قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى، ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 200 مىڭغا يېقىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھۇجۇملار داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىسرائىلىيە، غەززەنىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، رايون نوپۇسىنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك مەجبۇرىي كۆچۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يۇئاۋ گالانت ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە، غەززەگە قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانماقتا.

ئىزدىنىڭ
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەبۇ زۇھۇر ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا قىلغان ھۇجۇمىغا باھا بەر
تۈركىيەنىڭ رايونلۇق رولى ئىراق لىنىيەسىدىكى نېفىت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن تېخىمۇ كۈچىيىدۇ
جەنۇبىي كورېيە: شىمالىي كورېيەنىڭ 80 دىن 120 گىچە يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا