ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا يازما ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەكىللىرى جارېد كۇشنېر ۋە ستېۋ ۋىتكوف بىلەن تېلېفونلىشىپ، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
بۇ قېتىملىق تېلېفون سۆھبىتىنىڭ بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن زېلېنىسكىي: «بىز ئۇكرائىنا، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەيئەتلەر دەرىجىلىك ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭغا بىر ھەپتىدىنمۇ ئاز ۋاقىت قالدى» دېدى.
زېلېنىسكىي 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىمۇ مۇزاكىرىلەرنىڭ قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:
«ئۇرۇشنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سۆھبەتلەرنى ئىمكانقەدەر جىددىي ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئۇكرائىنا بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنى بېسىشقا تولۇق تەييار. بىزنىڭ تەكلىپلىرىمىز ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، ئۇلارنى ئامېرىكا تەرەپكە تولۇق يەتكۈزدۇق.»



















