ئامېرىكا كۇبا ھۆكۈمىتىگە ۋە «ھەربىي سەرخىللىرى» غا قارشى ئىقتىسادىي بېسىم دولقۇنىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى سۈپىتىدە ھاۋانا ھۆكۈمىتى بىلەن چېتىشلىقى بار 8 ئورگان، 2 كىشى ۋە 5 ماي توشۇش پاراخوتىغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقاردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مەزكۇر ئارال دۆلىتىگە قارشى يېڭى ئېمبارگولارنىڭ، بۇنىڭ كۇبا ئارمىيەسىنىڭ «قانۇنسىز» كىرىم مەنبەلىرىنى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنى، ھۆكۈمەت ئىچىدىكى «ھەربىي سەرخىللار» نى ۋە دۆلەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلەۋاتقان خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرلىرىنى نىشان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو ئېمبارگولار ھەققىدە: «ترامپ ھۆكۈمىتى كۇبا ھاكىمىيىتىنىڭ ئارال بايلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ ھەربىي سەرخىللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىگە، ھاكىمىيەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتۇق ئوفشور تورلىرىدىن پايدا ئېلىشىغا ھەمدە كۇبانىڭ ئامېرىكانى ۋە ئۇنىڭ مەنپەئەتلىرىنى تەھدىت ئاستىغا ئېلىش، جاسۇسلۇق قىلىش ۋە سۇيىقەست پىلانلاش ئۈچۈن دۈشمەن پوزىتسىيەدىكى ئامېرىكاغا قارشى كۈچلەردىن تەشكىل تاپقان يەر شارى خاراكتېرلىك بىر ئىتتىپاققا بازا بولۇپ بېرىشىگە قول قوۋۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇۋەرمەيدۇ» دېدى.
بەلگىلەنگەن تەدبىرلەر دائىرىسىدە، «Sociedad Mercantil Duna S.A.» ئاتلىق تەمىنلەش شىركىتى ئارقىلىق كۇبا قوراللىق قىسىملىرىنى ماتېرىيال ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن خىتاينىڭ 2 دۆلەت مۇداپىئە ھۆددىگەرلىك شىركىتى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
دائىرىلەر يەنە بىر تەرەپتىن، مارىيېل كونتېينېر تېرمىنالىدا ئەشيا ئوبوروتى ۋە پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەسئۇل سابىق سودا دىرېكتورى ھەمدە ئارمىيەنىڭ سودا پاي كونترول شىركىتى «GAESA» نىڭ باشقۇرغۇچىسى ئانيا گىلېرمىنا لاستىرېس مورېرانىڭ قىزى ئانى رودرىگېز لاستىرېسقا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارى چىقاردى.
بۇلاردىن باشقا، كۇباغا نېفىت توشۇيدىغان 5 ماي توشۇش پاراخوتىنىڭمۇ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغانلىقى تەكىتلەندى.
ۋاشىنگتوننىڭ يېڭى ئېمبارگو قارارىدىن كېيىن، كۇبا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى برۇنو رودرىگېز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئاخىرقى 10 ئاي ئىچىدە كۇبا خەلقىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي قورشاۋىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن شەكىلدە چىڭىتىلىشىغا، دېڭىز قورشاۋىغا باراۋەر بىر ئېنېرگىيە مۇھاسىرىسىگە ۋە قوشۇمچە ئېمبارگولارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئۇچرىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 3-نويابىردىكى دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلىمىدىن سەل بۇرۇن كۇباغا قارشى بىرەر ھەربىي ھەرىكەت يۈرگۈزۈلۈش-يۈرگۈزۈلمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا: «مەغلۇپ بولغان بىر دۆلەت. ناھايىتى يېقىندا ئۇ يەرگە ئادەملىرىمىزنى قايتىدىن ئەۋەتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن ھەمدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ بۇ ئارال دۆلىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

















