تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا «تۈركپول» (TÜRKPOL) تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇ
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا «تۈركپول» (TÜRKPOL) تەشكىلاتى قۇرۇلىدۇتۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستاپا چىفتچى، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەرنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىنتېرپولغا ئوخشاش بىر ئورتاق تەشكىلات قۇرۇش تەكلىپىنى سۇندى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستافا چىفتچى ئەرزۇرۇمدا

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇستاپا چىفتچى، قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا، جىنايەتكە قارشى كۈرەشتە ئورتاق ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە «تۈركپول» ناملىق تەشكىلات قۇرۇشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مىنىستىر چىفتچى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشىدىكى «كېچىسى ئۇخلىمىدىم، كۈندۈزى ئولتۇرمىدىم» دېگەن تارىخىي روھ بىلەن خەلقنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا تۈركىيە تەرەپ تەكلىپ قىلغان «جىنايەتكە قارشى كۈرەش كېڭىشى» قۇرۇش پىلانى ئورتاق خىتابنامىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ كېڭەش يېڭى تىپتىكى جىنايى گۇرۇھلار، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە تەرتىپسىز كۆچۈش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن كۈرەش قىلىشتا ئورتاق قابىلىيەتنى كۈچەيتىدۇ.

مىنىستىر چىفتچى كېلەر ئاي ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا، مەزكۇر كېڭەشنىڭ قۇرۇلۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئىنتېرپول ۋە ياۋروپولغا ئوخشاش «تۈركپول» تەشكىلاتى قۇرۇشقىلغان تەكلىپى ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن ناھايىتى سەمىمىي قارشى ئېلىندى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى