خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا شىددەتلىك چېگرا توقۇنۇش: ئەمەلدارلارنىڭ ئېيتىشىچە كەم دېگەندە 5 كىشى ئۆلگەن.
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى
پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم شىددەتلىك چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەردى / AP

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمايلا ئاخىرلىشىشىدىن بىر قانچە كۈن كېيىن ئۆز-ئارا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بىراق ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

پاكىستان ۋە ئافغانىستان ئەمەلدارلىرى جۈمە كۈنى كەچتە چېگرا لىنىيەسىدە شىددەتلىك توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كېيىن كۈچەيگەن جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن كەم دېگەندە بەش كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى زابىھۇللاھ مۇجاھىد، پاكىستان قىسىملىرىنىڭ قەندەھار ۋىلايىتىنىڭ سپىن بولداك رايونىغا ھۇجۇملارنى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ياردەمچىسى ھەمدۇللاھ فىترا رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان قىلغان بومباردىماندا بىر تالىبان ئەزاسىنى قوشقاندا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

پاكىستان باش مىنىستىرىنىڭ بىر باياناتچىسى، ئافغانىستان قىسىملىرىنىڭ چامان چېگراسىدا «سەۋەبسىز يەرگە ئوق» چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.

پاكىستان باياناتچىسى مۇشەررەپ زەيدى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پاكىستان تولۇق ھوشيارلىق ئىچىدە تۇرماقتا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى بىلەن پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىرادىسى قەتئىي» دېدى.

ئاقسىغان سۆھبەتلەر

جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان قوشنىلار ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ بىرەر ئىلگىرىلەش بولمايلا ئاخىرلىشىشىدىن تەخمىنەن بىر ھەپتە كېيىن بۇ قېتىمقى ئۆز-ئارا ئوق چىقىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بىراق ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشتى.

ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەر، ئۆكتەبىر ئېيىدا يۈز بەرگەن ئۆلۈملۈك چېگرا توقۇنۇشلىرىدىن كېيىن جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش مەقسىتىدە قاتار، تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قاتار يىغىنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى.

ئىسلامئاباد دائىرىلىرى ئىختىلاپنىڭ مەركىزىدە، پاكىستاندا يېقىندىن بۇيان ئافغانىستان پۇقرالىرىمۇ ئارىلىشىپ قالغان تەھرىكى تالىبان پاكىستان (TTP) تېررورچىلىرىنىڭ ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇملىرىنى كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. كابۇل بولسا، پاكىستاننىڭ چېگراسى ئىچىدىكى بىخەتەرلىككە جاۋابكار بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

ئۆكتەبىر ئېيىدىكى توقۇنۇشلاردا ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ،  بۇ تالىباننىڭ 2021-يىلى ئافغانىستاندا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشىدىن بۇيان چېگرادا يۈز بەرگەن ئەڭ شىددەتلىك زوراۋانلىق ۋەقەسى بولدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى