تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈرىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈرىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇتۈركىيە مىنىستىرلىرى ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقىدىن تەشكىل تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈرىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈرىيە رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ / AA

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈرىيە رەھبىرى شارا بىلەن كۆرۈشىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان باشچىلىقىدىكى تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ  سۈرىيە رەھبىرى شارا بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا، ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدىكى تۈركىيە – سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈلىدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر ۋە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن 22-دېكابىر كۈنى دەمەشقتە ئېلىپ بارىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارىتى جەريانىدا سۈرىيە رەھبىرى ئەھمەد شارا بىلەن بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۈرىيە رەھبىرى شارا بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشىدا، ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدىكى تۈركىيە – سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى، بولۇپمۇ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە خەۋپسىزلىك ساھەلىرىدىكى تەرەققىياتى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى زىيارەت  ئەسەد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان 8-دېكابىر ئىنقىلابىنىڭ بىر يىللىقىدىن كېيىنلا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

ئۇچرىشىشتا يەنە تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان «10-مارت كېلىشىمى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش باسقۇچى توغرىلىقمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

 10-مارت كۈنى سۈرىيە پىرېزىدېنت مەھكىمىسى تېررورلۇق تەشكىلاتى SDF/YPG نىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار بىر كېلىشىمنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئېلان قىلغان، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قايتا تەكىتلىگەن ۋە دۆلەتنى پارچىلاش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇچرىشىشتا ئىسرائىلىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئوتتۇرىغا چىققان بىخەتەرلىك تەھدىتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

زىيارەت جەريانىدا دائېشنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتىلغان ھەمكارلىقمۇ كۈن تەرتىپكە كېلىدىكەن. بۇ دائىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى ئورتاق تىرىشچانلىقلار مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن؛ سۈرىيەنىڭ يېقىندا دائېشقا قارشى كۈرەش خەلقئارا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغانلىقىمۇ نەزەردە تۇتۇلىدىكەن.

 خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىدىن باشقا، تەرەپلەرنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشقا قارىتىلغان ئىككى تەرەپلىك تۈرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللاش ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

شۇنداقلا، تۈركىيەنىڭ دەمەشقتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نۇھ يىلمازمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەنىڭ پايتەختىدە بولىدىكەن.

3+3 فورماتسىيەسىدىكى سۆھبەتلەر

ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە – سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرى نۇرغۇن ساھەلەردە تېز تەرەققىي قىلدى؛ بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىساد مەسىلىلىرىدە ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق ھەمكارلىققا قارىتا تارىخىي پۇرسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

 تەخمىنەن 15 يىللىق سۈرىيە توقۇنۇشىنىڭ جاراھەتلىرىنى ساقايتىشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە يەنە يېڭى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا سۈرىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەۋپسىزلىكىگە تۆھپە قوشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىدى.

مىنىستىر خاقان فىدان ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنلا، 2024-يىلى 22-دېكابىر كۈنى تۇنجى قېتىم سۈرىيەنى زىيارەت قىلغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتىن بۇيان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزئارا زىيارەتلەر ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، يېڭى دەۋرنىڭ ئىجابىي مۇھىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن ئىستىخبارات باشلىقلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان 3+3 فورماتسىيەسىدىكى يىغىنلار بۇ باسقۇچتا ھالقىلىق رول ئوينىدى.

بۇ دائىرىدە، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەسئەد ھەسەن ئەششەيبانى 15-يانۋار كۈنى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىگە باشچىلىق قىلىپ تۈركىيەنى زىيارەت قىلدى ھەمدە مىنىستىر خاقان فىدان، مىنىستىر ياشار گۈلەر ۋە ئىبراھىم قالىن بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى كېيىنچە 2025-يىلى 13-مارت كۈنى سۈرىيەدە خىزمەت زىيارىتىدە بولدى. 2025-يىلى 12-ئۆكتەبىر كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىندا بولسا خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

دەمەشق زىيارىتىنىڭ ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى، ئورتاق خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش ھەمدە مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىنى كۈچەيتىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز