غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
پەلەستىنلىك پوپ غەززە ۋە لىۋاندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە مەركەزلىشىشكە چاقىردى
مۇنزىر ئىسھاق غەزەپنىڭ پەقەت دىنىي سىمۋوللارنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇرۇشقا ۋە پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغىمۇ مەركەزلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
پەلەستىنلىك پوپ غەززە ۋە لىۋاندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە مەركەزلىشىشكە چاقىردى
پەلەستىنلىك پوپ غەززە ۋە لىۋاندىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىگە مەركەزلىشىشكە چاقىردى / TRT World

پەلەستىنلىك پوپ مۇنزىر ئىسھاق غەزەپنىڭ پەقەت بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى تەرىپىدىن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغىلا مەركەزلىشىپ قالماستىن، بەلكى غەززە ۋە لىۋاندىكى پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىققا مەركەزلىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە  چاقىرىق ئېلان قىلدى.

راماللاھتىكى ئىنجىل لۇتېران مىلاد چېركاۋىنىڭ پوپى ئىسھاق دۈشەنبە كۈنى X سۇپىسىدا ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا: «غەزەپ، ئەيسانىڭ ۋەيران قىلىنغان بىر ھەيكىلى ھەققىدە بولماسلىقى كېرەك. گەرچە بۇ قىلمىش شۇنچە يىرگىنىشلىك بولسىمۇ» دېدى.

ئۇ يەنە يازمىسىدا: «ئەسلى غەزەپ پۇقرالارنىڭ نىشان قىلىنىشىغا، ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە قارىتىلغان ھۇجۇملارغا ھەمدە غەززە ۋە لىۋاندىكى ۋەيرانچىلىققا قارىتىلىشى كېرەك. ئۇرۇش بىر رەزىللىك. جاۋابكارلىققا تارتىش لازىم» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

يەكشەنبە كۈنى تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە، بىر ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى دېيبەل (Dibel) بازارىدا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنى پارچىلىغانلىقى كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەر يەرلىك ۋە دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان شۇنداقلا دىنىي ۋە سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Outrage as Israeli soldier filmed using jackhammer to smash Jesus statue in southern Lebanon

قۇددۇستىكى كاتولىك چېركاۋى رەھبەرلىرى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەپ، بۇنىڭ خىرىستىيان دىنىي قىممەت قاراشلىرىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە ئورگىنى، ئەسكەرنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە تەكشۈرۈشكە دۇچ كەلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى ئىنتىزام جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋەقەنىڭ ئىنتايىن ئېغىر دەپ قارالغانلىقىنى ۋە ئەسكەرنىڭ قىلمىشىنىڭ ئارمىيە كۈتكەن قىممەت قاراشلارغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە، ئىران ئۇرۇشى باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، 2-مارتتىن ۇيان لىۋاندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا. رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ ھۇجۇملاردا 2294 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن، 7544 كىشى يارىلانغان ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى پەيشەنبە كەچتە كۈچكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنىنى تەبرىكلىدى
پاكىستان: 6 دىن كۆپ دۆلەت مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمىگە قاتنىشىشقا قىزىقماقتا
خالۇق گۆرگۈن: دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدۇر
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈرك دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان  قىلدى
ترامپ تۈركىيەگە قارىتىلغان CAATSA ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلىشقا ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولدى
بېلگىيەدە بومبا تەھدىتى سەۋەبىدىن 1700 ئوقۇغۇچى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گۈلەر: كاۋكاز رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى تۈركىيە، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېبولا يۇقۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 3982 گە يەتتى
مېكسىكادا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدا مۇئاۋىن مۇدىر قازا قىلدى
تۈركىيە ئېفىيوپىيە ساقچىلىرىنى تور جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش بويىچە تەربىيەلىدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر ئەزەربەيجانلىق ۋە گىرۇزىيەلىك مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
قىرغىزىستان تۇنجى مىللىي سۈنئىي ھەمراھىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بەردى
تېكنوفېست فېستىۋالى ئۈچىنچى كۈنى چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە باشلاندى
ئامېرىكا سۈرىيەنى مۇداپىئە سودىسى چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن چىقاردى
ئامېرىكادىن ياۋروپاغا جىددىي چاقىرىق: يېقىلغۇ زاپاسلىرىڭلارغا چەكلىمە قويماڭلار