غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدىكى بالىلارنىڭ باش ۋە كۆكرەك قىسمىدىن يارىلىنىشىدا ئەندىشىلىك بىر ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى
دوختۇرلار، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا بېشى ۋە كۆكرەك قىسمىدىن ئوق تەگكەن كەم دېگەندە 114 بالىنى داۋالىغانلىقىنى ۋە بۇ يارىلىنىشلارنىڭ تاسادىپىي يۈز بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
غەززەدىكى بالىلارنىڭ باش ۋە كۆكرەك قىسمىدىن يارىلىنىشىدا ئەندىشىلىك بىر ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى
غەززەدىكى بالىلارنىڭ باش ۋە كۆكرەك قىسمىدىن يارىلىنىشىدا ئەندىشىلىك بىر ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىقتى / Reuters

گوللاندىيەنىڭ «de Volkskrant» گېزىتى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، غەززەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خەلقئارالىق دوختۇرلار، بالىلاردا ئەندىشىلىك دەرىجىسىدە ئوق يارىسى دېلولىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ بالىلارنىڭ قەستەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر گۇماننى كۈچەيتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گېزىت، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىكى ئالتە دوختۇرخانا ۋە تۆت كىلىنىكىدا ئىشلىگەن، كۆپىنچىسى سۇدان، ئافغانىستان ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق كرىزىس رايونلىرىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە گوللاندىيەدىن كەلگەن 17 دوختۇر ۋە بىر سېستىرا بىلەن سۆھبەتلەشتى.

دوختۇرلاردىن 15 ى «de Volkskrant» گېزىتىگە، باش ياكى كۆكرەك قىسمىدىن بىر پاي ئوق بىلەن يارىلانغان 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك كەم دېگەندە 114 بالىنى داۋالىغانلىقىنى بىلدۈردى. بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى يارىسى سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ دېلولار، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا 10 ئوخشىمىغان ساقلىقنى ساقلاش ئورنىدا خاتىرىلەنگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق جاراھەت دوختۇرى فېروزە سىدۋا، 2024-يىلى مارتتا غەززەدىكى ياۋروپا دوختۇرخانىسىدىكى تۇنجى كۈنىدە، 48 سائەت ئىچىدە بېشىدىن ئوخشاش شەكىلدە يارىلانغان 10 ياشتىن تۆۋەن تۆت ئوغۇل بالا بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ گېزىتكە: «بۇ دوختۇرخانىغا، 48 سائەت ئىچىدە قانداقمۇ بېشىدىن ئوق تەگكەن تۆت كىچىك بالا بىراقلا كېلىدۇ؟» دەپ سورىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. كېيىنكى 13 كۈن ئىچىدە ئوخشاش يارىلىنىشقا ئىگە يەنە توققۇز بالىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىدۋا، كېيىن باشقا بىر دوختۇرخانىدا ئوخشاش يارىلىنىشلارنى «دېگۈدەك ھەر كۈنى» كۆرگەنلىكىنى دەلىللىگەن بىر خىزمەتدىشى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئىپادىلەپ: «شۇ تاپتا قارار قىلدىم. بۇ يەردە نېمىلەر بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىم كېرەك» دېگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Over 6,000 civilians displaced by Israeli bombardment of Gaza City in one day: official

سۆزلەشنىڭ بەدىلى

زىيارەت قىلىنغان دوختۇرلار، بۇ خىل يارىلىنىشلارنىڭ تاسادىپىي بولۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. گېزىت مەسلىھەت سورىغان ئەدلىيە مۇتەخەسسىسلىرى، بۇ يارىلىنىشلارنىڭ بىر قانۇنىي جىنايەتنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى، مەرگەنلەر ياكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوختۇرلار، دۇچ كەلگەن ئەخلاقىي قىيىنچىلىقنى بايان قىلىپ، سۆزلىشىنىڭ غەززەگە قايتىپ كېلىشىنىڭ چەكلىنىشى دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ب د ت نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە 2025-يىلى مارتتىن بۇيان 100 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق ساغلاملىق خىزمەتچىسىنىڭ غەززەگە كىرىشىنى تەپسىلىي چۈشەنچە بەرمەيلا رەت قىلغان.

شۇنداقتىمۇ، نۇرغۇن دوختۇرلار جىمجىت تۇرۇشنىڭ ئەمدى بىر تاللاش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. «de Volkskrant» گېزىتىگە سۆز قىلغان بىر دوختۇرمۇ: «ئەمدى سۆزلىمەسلىك بىر تاللاش ئەمەس» دېدى.

«بالىلارنى قۇتقۇزۇش» (Save the Children) تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردە باشلانغان ھۇجۇملىرىدىن بۇيان غەززەدە 20 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك بالىنى ئۆلتۈرگەن.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
غەززەدە ئىلگىرى نىشان قىلىنغان بىنادىن ئىككى ئائىلىگە تەۋە 99 جەسەت چىقىرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر پەلەستىنلىكلەرنى ۋە چەت ئەللىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى يارىلاندۇردى
غەززەدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
2023-يىلىدىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى ئالدىنقى 17 يىلدىكى ئومۇمىي ساندىن ئېشىپ كەتتى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىسرائىلىيە يەنە سەككىز پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 72 مىڭ 783 كە يەتتى
ئىسرائىلىيە غەززەگە يەنەھۇجۇم قىلىپ، بەش پەلەستىنلىك ساقچىنى ئۆلتۈردى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستىكى مۈلۈكلەرنى مۇسادىرە قىلىش پىلانى ھەققىدە ئاگاھلاندۇش ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، غەززە شەھىرىدە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ب د ت دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيەنى «پەلەستىنلىكلەرنى سىستېمىلىق قىيىن – قىستاققا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى