خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى
روسىيە پايتەخت موسكۋاغا يۈزلەنگەن 195 ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە رۇسىيەنىڭ قايتۇرما ھۇجۇملىرى ئۇكرائىنادىكى چوڭ بىر پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنى ۋە يۈك كېمىلىرىنى نىشان قىلدى.
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى / Reuters

روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇملارنى قىلىشتى. ئۇكرائىنا روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات ھۇجۇمى قىلغان بولسا، رۇسىيە قىسىملىرى، ئۇكرائىنا مىقياسىدىكى سانائەت ئەسلىھەلىرى، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە دېڭىزدىكى نىشانلارغا زەربە بەردى.

موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن شەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، روسىيە ھاۋا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ كېچىدىن باشلاپ پايتەختكە يۈزلەنگەن 195 ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى توسۇپ قېلىپ، ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سوبيانىن جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ چۈشكەن ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات پارچىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

روسىيەنىڭ پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى «روساۋىياتسىيا» موسكۋادىكى دومودېدوۋو  ۋە ۋنۇكوۋو  ئايرودورۇملىرىدا ئۇچۇشلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Zelenskyy warns US’ Russia sanctions relief could reward Putin and fuel more attacks

رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلدى

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ كېچىچە ئۇكرائىنادىكى نىشانلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇملارنى قىلغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ كرىۋىي رىگ  شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر زاۋۇتى بىلەن ئودېسسا پورتىنى ئىشلىتىدىغان پاراخوتلارنىڭمۇ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

پولات-تۆمۈر ماگناتى «ArcelorMittal» غا قاراشلىق كرىۋىي رىگ زاۋۇتى، روسىيەنىڭ بىر قاتار باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىدىن سېنتەبىر ئېيىدا پائالىيەتلىرىنى توختاتقان ئىدى.

شىركەت بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پىكىر بايان قىلىش تەلىپىگە تېخىچە جاۋاب قايتۇرمىدى.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە ژىتومىردىكى بىر ئېلېكتر تىرانسفورموتور مەركىزى بىلەن زاپورىژيادىكى باشقا بىر پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغىمۇ زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

قارا دېڭىزدا بىر يۈك پاراخوتىنىغىمۇ زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان مىنىستىرلىق، پاراخوتنىڭ ئودېسساغا ھەربىي ئەشيا توشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مىنىستىرلىق، شەنبە كۈنى كېچىكىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، لۇتسكتىكى بىر ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش زاۋۇتىغا، ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى تېرنوپىل رايونىغا جايلاشقان بىر ئېلېكتر تىرانسفورموتور مەركىزىگە ۋە ئودېسسانىڭ جەنۇبىدىكى باشقا بىر يۈك پاراخوتىغا ھۇجۇملارنىڭ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەزكۇر پاراخوتنىڭ ھەربىي ئەشيالار بىلەن بىللە ھەم پۇقراۋى ھەم ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىشكە بولىدىغان ماتېرىياللارنى توشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىزدىنىڭ
زېلېنىسكىي ھاۋا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بېلگىيەدىن قوشۇمچە F-16 ياردىمى تەلەپ قىلدى
ئىراق تۈركمەن فىرونتىدىن تۇنجى قېتىم بىر ۋەكىل دۆلەت مىنىستىرى بولدى
خاقان فىدان پەلەستىننىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا قەتئىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا چاقىردى
مىنىستىر خاقان فىدان باكۇدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
ئىتتىپاقداش كۈچلىرى: مەدىنە رايونىدا بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا پاچاقلاپ تاشلاندى
خىتاي ئوربېتاغا 10 سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەردى
ئىلون ماسك ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتىنى ئىستېپاغا چاقىردى
رۇسىيە: ئامېرىكاغا دىزېل يېقىلغۇسى توشۇش 2–3 ھەپتە ئىچىدە باشلىنىشى مۇمكىن
SANA: رەيھانلى ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارى مىھراج ئۇرال سۈرىيەدە تۇتۇلدى
خاقان فىدان باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن CICA نىڭ 7-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: 28 كىشى قازا قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش پات يېقىندا ئاخىرلىشىدۇ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى